باش بەتكە قايتىڭ » جەمئىيەت پائالىيەتلىرى » شىۋېتسىيەدە ئاراكان دا يۈز بەرگەن ئىرقى قىرغىنچىلىقى غا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
شىۋېتسىيەدە ئاراكان دا يۈز بەرگەن ئىرقى قىرغىنچىلىقى غا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

شىۋېتسىيەدە ئاراكان دا يۈز بەرگەن ئىرقى قىرغىنچىلىقى غا قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

شىۋېتسىيە روھىنگا جەمئىيتى،08-سېنتەبىر جۈمە كۈنى چۈشتىن كىيىن سائەت 16:00 دە شىۋېتسىيە پارلامىنېتى ئالدىدىكى مىنتوريىت مەيدانىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈپ ،يېقىندىن بىرى بىرمانىڭ ئاراكان ئۆلكىسى دە مىللەتچى بىرما ئارميسى ۋە رادىكال بۇددىست مىللىتانلىرى سادىر قىلغان ئىرقى قىرغىنچىلىق ۋەقەلىرىنى قاتتىق ئېيىپلىدى. نامايىشنى،ياۋرۇپا تۈرۈك دېموكراتلار بىرلىكى،مىللى كورۇش تەشكىلاتى،شىۋېتسىيە ئىسلام جەمئىيەتلىرى بىرلىكى ۋە ئۇيۇشمىمىز (ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى)قاتارلىق ئورگانلار  پائال قوللاپ ھەمكارلاشتى. نامايىش ئەسنادا ئۇيۇشمىمىز مەسئۇلى ئابدۇللا كۆكيار روھىنگا خەلقىنىڭ شىۋىتسىيەدە سىياسى پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ۋەكىللىرى بىلەن قىزغىن سۆھبەتلىشىپ،مەزلۇم روھىنگا خەلقىگە شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ سەمىمى ھېسداشلىقى ۋە ئوتلۇق سالىمىنى يوللىدى.

بىرمانىڭ ئاراكان ئۆلكىسى دە مىللەتچى بىرما ئارميسى ۋە رادىكال بۇددىست مىللىتانلىرىنىڭ روھىنگا خەلقىگە ئۆچىمەنلىك قىلىش يۈزىسىدىن ئۇلارنى ۋەھشىلەرچە قىرغىن قىلغانلىقىدەك زوراۋانلىق ۋەقەلىرى خەلقارادىكى نۇرغۇن ئىنسانپەرۋەر دۆلەتلەرنىڭمۇ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى.بۇ قاتاردا شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارگوت ۋالسترۆم خانىم رەسمى بايانات ئېلان قىلىپ،روھىنگا خەلقى دۈچ كىلىۋاتقان ئېغىر ۋەزىيەت تىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>