باش بەتكە قايتىڭ » ئۆز خەۋىرىمىز » ”ئۇيغۇر ياشلىرىنى كىشىلىك ھوقۇق ۋە خەلقارا قانۇن بۇيچە تەربىيىلەش پروگراممىسى” شىۋېتسىيەدە
”ئۇيغۇر ياشلىرىنى كىشىلىك ھوقۇق ۋە خەلقارا قانۇن بۇيچە تەربىيىلەش پروگراممىسى” شىۋېتسىيەدە

”ئۇيغۇر ياشلىرىنى كىشىلىك ھوقۇق ۋە خەلقارا قانۇن بۇيچە تەربىيىلەش پروگراممىسى” شىۋېتسىيەدە

13-نۆۋەتلىك “ئۇيغۇر ياشلىرىنى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە خەلقئارا قانۇن…بۇيىچە تەربىيىلەش پروگراممىسى”  شىۋېتسىيە نىڭ پايتەختى ستوكھولم شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.

IMG_3981

DIFtbhJXsAAl0LMدۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى،ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىقىدا 2007-يىلىدىن بۇيان ئۈزلۈكسىزيولغا قويۇلۇپ  داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان “ئۇيغۇر ياشلىرىنى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە خەلقئارا قانۇن…بۇيىچە تەربىيىلەش پروگراممىسى”نىڭ 13- قېتىملىق يىغىنىغا  شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ساھىبخانىلىق قىلىدۇ.

ئۇيغۇر ياشلىرىنى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە خەلقئارا قانۇن…بۇيىچە تەربىيىلەش پروگراممىسى،  2007-يىلى 5-ئايدا گوللاندىيەنىڭ دەنھاگ شەھىرىدە،تۈنجى يولغا قۇيۇلۇپ، 2008-يىلى 4-ئايدا گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرىدە، 2009-يىلى 5-ئايدا ئامېرىكانىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدە، 2010-يىلى 4-ئايدا بېلگىيەدىكى ياۋروپا پارلامېنتىدا، 2011-يىلى 3-ئايدا ئاۋسترالىيەنىڭ سيدنېي، ئادېلەيىد ۋە مېلبورىن شەھەرلىرىدە، 2012-يىلى 5-ئايدا ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرىدە، 2013-يىلى شىۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە، 2014-يىلى 5-ئايدا گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە، 11-ئايدا جەنۋەدە، 2015-يىلى 4-ئايدا ۋاشىنگتوندا، 2016-يىلى 4-ئايدا بېرلىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.مەزكۇر پروگرامما ئارقىلىق ئوخشاش بولمىغان تېمىلار بويىچە،يۇقۇردا تىلغا ئېلىنغان دۆلەتلەردە ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە خەلقئارالىق يىغىن ۋە خەلقئارا قانۇن، دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق كۇرسلىرى ئېچىلىپ، مۇھاجىرەتتە سىياسى داۋا غا ھەسسە قېتىۋاتقان ھەر دەرىجىلىك يىڭى ئەۋلاد ئۇيغۇر رەھبەرلىرى ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىڭ ماھىرلىقى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ  زور  نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىدى.

ئۇيۇشمىمىز، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ  رەئىسى  رابىيە قادىر خانىم ۋە ئىجرائىيە كومىتېتى نىڭ مەسئۇلى دولقۇن ئەيسا  لار بىلەن مۇزاكىرىلىشىپ، “ئۇيغۇر ياشلىرىنى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە خەلقئارا قانۇن…بۇيىچە تەربىيىلەش پروگراممىسى”نىڭ 13- قېتىملىق يىغىنىغا شىۋېتسىيەدە ساھىبخانىلىق قىلىشنى ئۈستىگە ئېلىپ بىر قاتار تەييارلىق خىزمەتلەرنى باشلىۋەتتى.
يىغىن توغرىسىدىكى ئىنگلىزچە  تەپسىلى ئېلاننى بۇ يەردىن ئوقۇڭ!

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>