باش بەتكە قايتىڭ » جىددىي ئۇقتۇرۇش » 1-ئۆكتەبىر كۈنى نامايىشقا چاقىرىق
1-ئۆكتەبىر كۈنى نامايىشقا چاقىرىق

1-ئۆكتەبىر كۈنى نامايىشقا چاقىرىق

‏ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز ۋەتەنداشلار! ئىشغالچى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىپ ئۇيغۇرلارنى ۋەتەنسىز قويغان، ئۆز ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ ياقا يۇرتتا سەرسان سەرگەردان بولغان 1- ئۆكتەبىر كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى ھەر يىلى 1-ئۆكتەبىر كۈنى بولسا خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنى قىلىپ بۇ كۈندە بايرام تەنتەنىسى قىلىشىدۇ، ئەمما، ئۇيغۇرلار بۇ كۈننى خىتاي باسمىچىلىرىنىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى شەرقى تۈركىستان، خەلقلىرى ئۇچۇن ئېلىپ ئېيتقاندا ماتەم كۈنى بېكىتىپ ھەريىلى بۇ كۈندە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنى شارائىتىگە ماس ھالەتتە خىتايغا قارشى نارازلىقلىرىنى ئىپادىلەپ كەلمەكتە.

مۇستەبىت خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر يىلى1- ئۆكتەبىر كۈنى يىتىپ كەلسە داغدۇغىلىق دۆلەت بايرىمى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ھارام غەلىبىسىنى تەلۋىلەرچە تەنتەنە قىلىشىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 1- ئۆكتەبىرنىڭ ئالدى كەينىدە خىتاي باسمىچىلىرىنىڭ ئىشغالىيتى ئاستىدا ئىنسانىي ھەق ھوقۇقلىرىدىن تامامەن مەھرۇم ھالەتتە ياشاۋاتقان شەرقى تۈركىستان خەلقىگىمۇ ئاتالمىش 1- ئۆكتەبىر بايرىمىنى مەجبۇرى تېڭىپ ئۆزلىرىنىڭ شەرقى تۈركىستاننى بېسىۋېلىشقانلىقلىرىنى خىجىل بولماستىن «ئازادلىق قىلدۇق» دەپ داۋراڭ سېلىپ، دۆلەت دەرىجىلىك ئالدامچىلىق تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.

شەرقى تۈركىستانلىقلار بولسا خىتاينىڭ ئۇشبۇ ئالدامچىلىقنى شەرقى تۈركىستاننىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا ئىزچىل ھالدا ھەريلى ھەرخىل يوللار ئارقىلىق پاش قىلىدۇ.

ئۇيۇشمىمىز بۇ، يىلمۇ ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا 1- ئۆكتەبىر كۈندە خىتاينىڭ ئالدامچىلىقنى پاش قىلىش، ۋە شەرقى تۈركىستاننىڭ ئەزەلدىن خىتاي زېمىنىنىڭ بىر پارچىسى ئەمەسلىكىنى دۇنياغا جاكارلاش ئۈچۈن خىتاينىڭ شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى قىلىش ئۈچۈن ئالاقىدار ئورۇنلاردىن روخسەتنامە ئالدى.

شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان بارلىق شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ ئۇشبۇ نامايىشىنى پائال قوللاپ قاتنىشىشىنى تەلەپ قىلىمىز!

ۋاقتى: 2017- يىلى 01- ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى، چۈشتىن كېيىن شىۋېتسىيە ۋاقتى سائەت 13:30 باشلىنىدۇ.

ئورنى: ستوكھولمدا تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا.

ئادېرسى: Lidovagen 8, 115 25 Stockholm

ھۆرمەت بىلەن ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>