باش بەتكە قايتىڭ » ئۆز خەۋىرىمىز » 1- ئۆكتەبىر كۈنى شىۋېتسىيىدە خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئۇنسۇرلىرىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى
1-  ئۆكتەبىر كۈنى شىۋېتسىيىدە خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئۇنسۇرلىرىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

1- ئۆكتەبىر كۈنى شىۋېتسىيىدە خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئۇنسۇرلىرىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

1-  ئۆكتەبىر كۈنى شىۋېتسىيىدە خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئۇنسۇرلىرىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئىشغالچى خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كېرىپ شەرقىي تۈركىستاننى ئىستىلا قىلغانلىقىنىڭ 68 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار شىۋېتسىيىنىڭ پايتەختى ستوكھولمدا تۇرۇشلۇق خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا، نارازىلىق نامايىش ئۆتكۈزدى.

 نامايىشنى،ئۇيۇشمىمىز“ شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى“ ئۇرۇنلاشتۇردى.نامايىشقا شىۋېتسىيەنىڭ يىراق- يېقىن شەھەرلىرىدە تارقاق ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئەر- ئايال ۋە بالىلار بۇلۇپ كۆپ ساندا كىشىلەر قاتناشتى.نامايىش شىۋېتسىيە ۋاقتى 2017- يىلى 01- ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 14:00 دە باشلىنىپ 15:00 دە ئاخىرلاشتى.بۇ قېتىمقى نامايىش ئىلگىرىكى نامايىشلاردىن پەرىقلىق ئۆتكۈزۈلگەن بۇلۇپ،نامايىشتا ئاساسلىقى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارنى دىنسىزلاشتۇرۇش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان رەزىل سىياسىتىنىڭ ئەڭ يوقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەنلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىدىكى قۇرئان كەرىم، دىنىي كىتاب، ناماز ئوقۇيدىغان جەيناماز ۋە تام رەسىملىرى قاتارلىق ئىسلامىي بۇيۇملارنى  يەرلىك قونچاق ھۆكۈمەتكە تاپشۇرۇپ بېرىش تەلەپ قىلىنغانلىقى، تاپشۇرۇپ بەرمىگەنلەرنى قاتتىق جازا بىلەن قورقۇتۇپ تىرە تاراقلىتىپ ھەيۋە قىلغانلىقى قاتارلىق دىنغا  ئۆچىمەنلىك قىلىشنى چۆرىدىگەن رەزىل سىياسەتلىرى تەنقىد قىلىندى. نامايىشچىلار قوللىرىغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى بىلەن  قۇرئان كەرىم ۋە جەينامازنى كۆتۈرۈشكەن ھالدا“خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەتسۇن! پۈتۈن دۇنيا خىتاي مۇستەملىكىسىگە ياق دەيدۇ!شەرقىي تۈركىستانغا مۇستەقىللىق!دىننى ئەركىنلىك! تېررورىست خىتاي، قاتىل خىتاي“ دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىدى. ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ باش كاتىۋى نىجات تۇرغۇن،خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچىلىرى شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىپ، 68 يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈپ كىلىۋاتقان  سىياسەتلەرنىڭ قەبىھ ماھىيتىنى تەپسىلى پاش قىلىپ  يازغان شىۋېدچە باياناتىنى نامايىشچىلارغا ۋاكالىتەن ئۇقۇپ ئۆتتى.

ئاخىرىدا شىۋېتسىيىدىكى سوتۇق بۇغراخان ئۇيغۇر مەسجىتىنىڭ ئىمامى ئۆمەر مەخسۇم،دۇئاغا تەكلىپ قىلىندى.ئۇ،دۇئاسىدا جانابى ئاللاھدىن خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى  ئۇنسۇرلىرىنى مەغلۇب قىلىپ بىرىشنى، شەرقىي تۈركىستاننى مۇستەقىل قىلىپ بىرىشنى تېلەپ نامايىشنى تىنىچ شەكىلدە ئاخىرلاشتۇردى.

IMG_7974

IMG_7983

IMG_7989

IMG_7994

IMG_7995

IMG_8003

IMG_8006

مەنبەلەر:

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/xelqara-xewer/shiwetsiye-gollandiyede-namayish-10012017173748.html

تۈرۈكچە  https://www.isvecgundemi.com/gundem/cin-zulmu-isvec-te-protesto-edildi-h9998.html

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>