باش بەتكە قايتىڭ » ئىسلام دۇنياسى خەۋەرلىرى » شىۋېتسىيە ئىسلام جەمىيەتلىرى بىرلىكىنىڭ يىللىق يىغىنىغا ئۇيغۇر ۋەكىللەر قاتناشتى
شىۋېتسىيە ئىسلام جەمىيەتلىرى بىرلىكىنىڭ يىللىق يىغىنىغا ئۇيغۇر ۋەكىللەر قاتناشتى

شىۋېتسىيە ئىسلام جەمىيەتلىرى بىرلىكىنىڭ يىللىق يىغىنىغا ئۇيغۇر ۋەكىللەر قاتناشتى

مۇشۇ،ئاينىڭ 7-كۈنى ،ئۇيۇشمىمىزنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى(كاسسىر) تاھىر ناسىر ۋە «تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى»نىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى (ئىمام)ئۆمەر ئەزىز قاتارلىق ئويغۇر ۋەكىللەر «شىۋېتسىيە ئىسلام جەمئىيەتلىرى بىرلەشمىسى förenade islamiska föreningar i Sverige»ۋە «شىۋېتسىيە ئىمام خەتىپ مەسلىھەت كېڭىشىSveriges Imam råd»،قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ 11-نۋەتلىك يىللىق ئومۇمى يىغىنىغا قاتناشتى.
شىۋېتسىيە ئىسلام جەمئىيەتلىرى بىرلەشمىسى، شىۋېتسىيەدىكى بارلىق ئىسلام مەدەنىيەت مەركەزلىرى ۋە مەسچىتلەرگە نازارەت قىلىش،ئىمام خەتىپلارغا مەسلىھەت بېرىش ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئەڭ ئالى دىننى ئورگان بولۇپ،ئۇشبۇ ئورگان شىۋېتسىيەنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت ۋە شەھەرلىرىگە جايلاشقان 150 نەچچە دىن ئارتۇق دىننى جەمئىيەت ۋە مەسچىتلەرنىڭ قانۇنلۇق ۋەكىلى سۈپىتىدە شىۋېتسىيەدىكى ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ قانۇنى ھەق ھوقۇقلىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.ئۇشبۇ ئورگاننىڭ يىللىق ئۇمۇمى يىغىنىدا شىۋېتسىيەنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت ۋە شەھەرلىرىدىن كەلگەن 150 نەچچىدىن ئارتۇق دىننى جەمئىيەت باشلىقلىرى ۋە مەسچىت ئىماملىرى، شىۋېتسىيەدىكى يېرىم مىليوندىن ئارتۇق ھەر مىللەت مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ دىننى ئىشلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇش،مۇسۇلمانلارنى شىۋېتسىيە جەمئىيىتىگە ھەسسە قوشۇشقا تەرغىپ قىلىش، دىنغا قارشى سىياسى گوروھلارنىڭ ئاشقۇنلىقى،شۇنداقلا ئىجتىمائىي ھەقسىزلىكلەر تۈپەيلى مەيدانغا چىققان ئۈمۈتسىزلىنىش سەۋەبلىك كېلىپ چىققان بەزى دىننى ئاشقۇنلۇق مەسىلىلەرنىڭ نېگىزلىك سەۋەب ئامىللىرىنى تەتقىق قىلىش، قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئىلمى مۇھاكىمە قىلىپ ھەل قىلىش چارە تەدبىرلىرى ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ ھۆكۈمەتكە دوكلات يوللايدۇ.

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>