باش بەتكە قايتىڭ » جەمئىيەت پائالىيەتلىرى » شىۋېتسىيەدە ئېچىلغان «ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى» نەتىجىلىك ئاخىرلاشتى
شىۋېتسىيەدە ئېچىلغان «ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى» نەتىجىلىك ئاخىرلاشتى

شىۋېتسىيەدە ئېچىلغان «ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى» نەتىجىلىك ئاخىرلاشتى

ئۇيۇشمىمىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان «ئۇيغۇر ياشلىرىنى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق، ۋە خەلقارا قانۇن -تۈزۈم بىلىملىرى بۇيىچە  تەربىيىلەش كۇرسى» 15-ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى غەلبلىك ئاخىرلاشتى.https://www.isvecgundemi.com/uygurlu-gencler-icin-stockholm-de-seminer-video,1030.htmlasdfhj

ئۇيۇشمىمىز دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان «ئۇيغۇر ياشلىرىنى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق، ۋە خەلقارا قانۇن -تۈزۈم بىلىملىرى بۇيىچە  تەربىيىلەش كۇرسى»13-ئۆكتەبىر جۈمە كۈنى رەسمىي باشلىنىپ،تەرتىپ بۇيىچە تولۇق ئۈچ كۈن داۋاملاشتى.مول مەزمۇنغا ئىگە بولغان بۇ،ئۇچ كۈنلۈك كۇرسىنىڭ پروگراممىلىرىدا، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سىياسىي ھەرىكىتىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدە جۈملىدىن شىۋېتسىيە تارىخىدا ھازىرغىچە ئېلىپ بېرىلغان دىپلوماتىك پائالىيەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئەھۋاللىرى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەزىيىتى، كەلگۈسىدە ئۇيغۇر داۋاسىنى باشقىلارغا قانداق ئاڭلىتىشىنىڭ تەسەۋۋۇر لايىھەلىرى،قاتارلىقلارغا ئالاھىدە ئۇرۇن بېرىلدى. ئامېرىكادىن كەلگەن ئۆمەر قانات، نۇري تۈركەل،گىرمانىيەدىن كەلگەن غەيۇر قۇربان ۋە ئۇيۇشمىمىز مەسئۇلى ئابدۇللا كۆكيار ئەپەندىلەر،شۇنداقلا چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەر، بۇ ھەقتە ئۇدا ئۈچ كۈن ئايرىم-ئايرىم لېكسىيە سۆزلىدى.

ئۈچ كۈن ئىچىدە ئايرىم-ئايرىم ۋە ھەر بىرى ئۆزگىچە ئۇسلۇبتا سۆزلەنگەن قىممەتلىك لېكسىيىلەر،كۇرسقا ئىشتىراك قىلغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ زور قىزىقىشىنى قوزغىدى. ئۇلار بۇ، كۇرسقا قاتنىشىش ئارقىلىق خەلقارا قانۇن تۈزۈم، كىشىلىك ھوقۇق،ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش،مۇستەقىللىق ئۈچۈن تىنىچ يوللار بىلەن كۈرەش قىلىشنىڭ ھەرخىل ئۇسۇللىرى ھەققىدە كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدى.كۇرۇس جەريانىدا يەنە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئىلمىي يوللىرى، دىپلوماتىك كۈرەش ۋە ئالاقىلارنىڭ تاكتىكىلىرىمۇ تەپسىلىي ئۆگىتىلدى.

كۇرسقا قاتناشقان ياشلار ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخپىرىنى نەخ مەيداندىن قۇبۇل قىلىپ،ئۆز تەسىرات ۋە ئىنكاسلىرىنى ئەركىن بىلدۈرۈشتى. شىۋېتسىيەدىكى مەلۇم بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر قىزى ئۆز تەسىراتلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى. يەنە بىر ئۇيغۇر يىگىتمۇ بۇ كۇرسقا بولغان قاراشلىرىنى بىلدۈردى. فىنلاندىيەدىن كېلىپ بۇ كۇرسقا قاتناشقان بىر قىز بولسا، قايتىپ بارغاندىن كېيىن ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتلىرىنى پىنلاندىيە تەۋەسىدە كەڭ قانات يايدۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

د ئۇ ق ياشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى غەيۇر قۇربان ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا، بۇ قېتىمقى كۇرسىنىڭ نەتىجىلىك بولغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

بۇ يەردە كۇرس ئەھلىنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلغان دەرسلىرىدىن بىرى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خادىمى فوكىس خانىمنىڭ نۇتقى ۋە ئالاقە ھەققىدە ئۆتكەن دەرسى بولدى. بۇ دەرس ئەمەلىي تەجرىبە بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ ئۆتۈلگەن بولغاچ، كۈلكە-چاقچاق، قىزىقىش ۋە ھاياجان ئىچىدە داۋام قىلدى. سەھنىگە تەكلىپ قىلىنغان تارتىنچاق ياشلار ئۆزىدىكى قورۇنۇشنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇرلىنىپ، كىشىلەر بىلەن بولغان ئالاقىدە، نۇتۇق جەھەتتە دادىل، ئۈنۈملۈك بولۇشنىڭ يوللىرىنى ئۆگەندى.

15-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن شىۋېتسىيە ۋاقتى سائەت 17:30 ئەتراپىدا كۇرس غەلبىلىك ئاخىرلاشتى. يېپىلىش مۇراسىمىدا د ئۇ ق رەئىسى رابىيە خانىم نۇتۇق سۆزلەپ، ياشلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىد-ئىستەكلىرىنى بىلدۈردى. ئۇيۇشمىمىز«شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى»كۇرسىنى بىز بىلەن ھەمكارلىشىپ ئورۇنلاشتۇرغان  «د ئۇ ق»نىڭ رەھبەرلىرى ۋە كۇرستا لېكسىيە سۆزلىگەن مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ھەر بىرىگە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى ۋە گېربى چۈشۈرۈلگەن سىمبۇلىستىك كۆك شارپا ھەدىيە قىلدى. ئاخىرىدا كۇرسانتلارغا گۇۋاھنامە تارقىتىپ بېرىلدى.

13-نۆۋەتلىك «ئۇيغۇر ياشلىرىنى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە خەلقارا قانۇن-تۈزۈم بىلىملىرى بۇيىچە تەربىيىلەش كۇرسى»نى د ئۇ ق، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى، شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان ۋە ئامېرىكادىكى دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى (NED)ماددىي جەھەتتىن قوللىغان ئىدى.image

DMVLQVsWAAIfKM322523860_10159446279370174_864691342_nff07fd6f-ff09-4baf-9ec9-887f7f32d04fm st

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>