باش بەتكە قايتىڭ » ماقالىلار » ئۇيغۇر تىلىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالىشىمىز مۇمكىن؟
ئۇيغۇر تىلىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالىشىمىز مۇمكىن؟

ئۇيغۇر تىلىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالىشىمىز مۇمكىن؟

شۇڭقار تېكىن

ئۇيغۇر تىل ۋە يېزىقى ھەر مىللەت ئۆز تىل-يېزىقىنى ئەركىن قوللىنىش ئىمكانىيىتى ئەڭ زور بولغان بۈگۈنكى كۈندە ئوچۇق- ئاشكارا چەكلىنىش ھالىغا كېلىپ قالدى. ئۇيغۇر تىلى تارىختا ھېچقاچان بۈگۈنكىدەك خەتەرگە دۇچ كەلگەن ئەمەس دېيىشكە بولىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى يوقۇتۇش ئۈچۈن قىلىۋاتقانلىرى 100 يىللار بۇرۇن دۇنيادىكى باشقا مۇستەملىكىچىلەر قىلىپ بولغان ۋە بۈگۈنكى كۈندە خاتا ئىكەنلىكى ئېتىراپ قىلىنغان بىر مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى. ئەگەر بىز ئۇيغۇر تىلىغا قىلىنىۋاتقان بۇ بۇزغۇنچىلىققا  قارىتا يېتەرلىك تەييارلىق كۆرۈپ ، ئىستراتېگىيەلىك ئىش پىلانلار بىلەن قارشى تۇرىدىغان بولساق زىياننى كۆپ ئازايتقىلى ۋە شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇر تىلىنى يوقۇتۇش پىلانىنى يوققا چىقارغىلى بولىدۇ. ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاپ قېلىش ۋە خىتاينىڭ تىلىمىزغا قىلىۋاتقان بۇزغۇنچىلىقلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قىلىدىغان بارلىق ئىشلىرىنى كېيىنكى ۋاقىتلاردا ۋەتىنىمىزدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ قايتا گۈللىنىشىدىكى كۈچلۈك ئاساس بولۇپ قالىدۇ.

ئۇيغۇر تىلى مىللىتىمىزنىڭ روھى

ئۇيغۇر تىلىدا ئوقۇغان قېرىنداشلىرىمىز دائۇدېت( ئالپھونسە دائۇدەت)نىڭ ئەڭ ئاخىرقى دەرس دېگەن ھېكايىسىنى بىلىدۇ. بۇ ھېكايە ئۇيغۇر تىل-ئەدەبىيات دەرسلىكىنىڭ تولۇق ئوتتۇرا قىسمىدا بار ئىدى. بۇ ھېكايىنى ئوقۇغان ئادەم ھېكايىدە تەسۋىرلەنگەن ئاشۇ قىسمەتنىڭ بىر كۈنلەردە خەلقىمىزنىڭ بېشىغىمۇ كېلىشىدىن ئەدنىشە قىلماي قالمايتتى. ھېكايىدە ناتسىستلار گېرمانىيىسى بېسىۋالغان فرانسىيەنىڭ ئالساكە لوررائىنە ئۆلكىسىدىكى كىچىككىچە بىر مەكتەپتە بولغان ۋەقەلىك بايان قىلىنىدۇ. فرانز كەپسىز بىر ئوقۇغۇچى بولۇپ، ئانا تىل دەرسىنى پەقەت ياخشى كۆرمەيتتى. دەرس ئۇنىڭغا شۇنچە ئېغىر ۋە زېرىكىشلىك ئىدى. ئەمما فرانسوزچە ئۇلارنىڭ مەكتىۋىدە رەسمى چەكلەنگەندە ئوقۇتقۇچىسى ئۆتكەن ئەڭ ئاخىرقى بىر سا´ئەتلىك دەرس ئۇنىڭغا شۇ قەدەر تەسىر قىلغان. ئۇ فرانسوزچىنىڭ ئۇ قەدەر گۈزەل ۋە يېقىملىق تىل ئىكەنلىكىنى تۇنجى قېتىم چوڭقۇر ھېس قىلىدۇ ۋە بۇرۇنراق بىلمىگەنلىكىدىن ئۆكۈنىدۇ. كۆپلىگەن ئۇيغۇر بىلىم ئىگىلىرى بۇ كۈننىڭ ھامىنى بىزگىمۇ كېلىدىغانلىقىنى بىلەتتى. دەمىسىمۇ 2000.يىللاردىن باشلانغان خىتاينىڭ بۇ ئىستىراگېيىسى مانا بۈگۈن ئوچۇق- ئاشكارە ھالدا ئوتتۇرىغا چىقتى. 

ئامېرىكا مائارىپچىسى ۋە پىسخىلوگى جوناتھان كوزول ئۆزىنىڭ نەسىل قۇرۇتىدىغان مائارىپ (ئەدۇكاتىئون فور ئەختىنكتىئون) دېگەن ئەسىرىدە 19.ئەسىردىكى ئامەرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قانداق قىلىپ ئىندىئان ئۆسمۈرلىرىنى ياتاقلىق مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش باھانىسى بىلەن يۇرتىدىن ۋە مەدەنىيەت مۇھىتىدىن ئايرىپ ئەنگلىز تىلى مۇھىتىدا تەربىيلىگەنلىكى، شۇنداقلا قانداق قىلىپ ئىندىئانلارنىڭ نەسلىنى قۇرۇتقانلىقىنى پاكىتلار بىلەن سۆكۈپ بەرگەن. كوزولنىڭ كىتابىدا بايان قىلىنغان پاجىئەلەر بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىدا تەكرارلانماقتا. 

بىر تىل قانداقتۇر نوقۇل ھالدىكى ئالاقىلىشىش قورالى بولۇپلا قالماستىن ئۇ بىر مىللەتنىڭ ۋە بىر ئادەمنىڭ روھى بىلەن، ئاڭ- تەپەككۇرى بىلەن، تىل بىلەن ئىپادىلەپ بەرىش تەس بولغان ھېسىياتلار بىلەن باغلانغان بولىدۇ. ئەگەر تىل ئۇنۇتۇلسا ئادەمنىڭ بىر مىللەتكە خاس بولغان روھى بىلەن شۇ ئادەمنىڭ تەپەككۇرى ئارىسىدىكى رىشتە ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ ۋە يىلتىز كۆمۈلۈپ كېتىدۇ. ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تارىخى ۋە روھى بار. ئۇيغۇر تىلى قانداقتۇر نۇرغۇن سۆزلۈكلەر ۋە ئۆزگىچە گرامماتىكىلىق قائىدىلەرنىڭ گەۋدىسى بولماستىن بەلكى ئۇيغۇر مەنىۋىيىتىنىڭ ماددى دۇنيادا ئىپادىلىنىش شەكلى، ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ روھى دۇنياسىدىن ماددى دۇنياغا توشۇيدىغان بىر قاتناش ۋاستىسى. ئۇيغۇر تىلى يىراق قەدىمدىكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ روھى ۋە ئىدىيىسى، بىز ياشىغان تۇپراقلار ۋە بېشىمىزدىن كەچۈرگەن قىسمەتلەردىن ھاسىل بولغان روھى ھالەتلەر ، ۋۇجۇدىمىزدىكى كۈچ -قۇۋۋەت ۋە ئەقىل-پاراسەتلەنىڭ بىر يىغىندىسىدىن ئىبارەتتۇر. 

ئۇيغۇر تىلى شۇ قەدەر گۈزەل بىر تىل

مەن 2007. يىللىرى ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا ئەتراپىمىدا ئۇيغۇر يوق دېيەرلىك بولغاچقا ئۇيغۇرچە سۆزلەش ئىمكانىيىتى يوق ئىدى، پەقەت دىلىمدا، كاللامدا توختىماي ئۇيغۇرچە ئوي بولاتتى. خىيالىمدا نۇرغۇن ئادەم بىلەن ئۇيغۇرچە سۆزلىشەتتىم. بىر كۈنى كومپيۇتېر قىرائەتخانىسىدا بىر ۋەتەنداش تونۇشۇم بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم ۋە قىزغىن پاراڭلىشىپ كەتتۇق. نېرىدا ئولتۇرغان بىرەيلەن بىر چاغدا سالام قىلىپ يېنىمىزغا كەلدى ۋە ماڭا “ سىلەر فرانسۇزچە سۆزلىشىۋاتامسىلەر“ دېدى قىزىقىپ. بۇنداق ئەھۋال كېيىنمۇ بولدى. يىراقتىن كەلگەن بىر دوستۇم بىلەن ئۈستەربازاردىن چىقىپ ماشىنىمىزغا قاراپ كېتىۋاتاتتۇق، بىر قارا تەنلىك يىگىت كېلىپ ئەھۋاللاشتى ۋە ”سىلەر ھوللاند(دۇتچ) تىلىدا سۆزلىشىۋاتىسىلەر، شۇنداقمۇ ؟“ دەپ سورىدى. فرانسوزچىنىڭ دۇنيادا گۈزەل تىل دېگەن داڭقى بار، ھوللاند تىلىنىمۇ كىشىلەر بەك چىرايلىق تىل دېيىشىدىكەن. ئۇيغۇر تىلى بىز ئويلىغاندىنمۇ گۈزەل ئاڭلىنىدىغان تىل بولۇپ، ئۆزىمىزگىلا ئەمەس باشقىلارغىمۇ شۇنداق چىرايلىق ئاڭلىنىدىكەن. مەكتەپ پۈتتۈرۈشتىن ئاۋال دېسىرتاتسىيە ئۈچۈن بىرقىسىم ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار  بىلەن كۆرۈشمە قىلىدىغان چاغدا، مەكتەپنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى كۆرۈشمە سۇئاللىرىنىڭ ئىنگلىزچە ۋە ئۇيغۇرچە نۇسخىلىرىنى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. شۇ چاغدا مەن ئۇيغۇرچە سۇئاللارنى ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى بىلەن تەييارلاپ تاپشۇرغان ئىدىم. ئاشۇ باھالاشقا مەسئۇل ئورگاننىڭ دېرىكتورى ئۇيغۇرچە خەتلەرنى كۆرۈپ ئۇيغۇر تىلىنى بىلمىسىمۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئاجايىپ بىر گۈزەل تىل ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغانلىقىنى سۆزلەپ كەتكەن ئىدى. 

ئۇيغۇر تىلىدا ئىپادىلىگىلى بولمايدىغان سۆز يوق

ھازىر دۇنيادىكى 7 مىليارد نوپۇس پەقەت 6000دىن ئارتۇق تىل بىلەن سۆزلىشىدۇ.دۇنيا نوپۇسىنىڭ 95%ئى سۆزلىشىدىغان تىللارنىڭ سانى 100 ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇيغۇر تىلى مۇشۇ تىزىملىكتە 50 نىڭ ئىچىگە كىرىدۇ( ئەڭ ئازدا 20 مىليون ئۇيغۇر بار دېيىلسە). قالغان 5% ئادەم سۆزلىشىدىغان 5900 دىن ئارتۇق تىلنىڭ ئۈچتىن ئىككىسى كېلەر ئەسىرگىچە يوقۇلۇپ كېتىدۇ دەپ قارالماقتا. ئۇيغۇر تىلى ھازىرقى دۇنيادىكى ئەڭ مۇكەممەل تىللارنىڭ بىرى بولۇپ 2000 يىلدىن ئارتۇق يېزىق تارىخى داۋامىدا تەرەققى قىلىپ تا بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ كەلگەن. ھازىرقى زاماندىكى تىللارنىڭ ئىچىدە بەزى تىللاردا سۆزلىشىدىغانلارنىڭ سانى 100 مىليوندىن ئاشسىمۇ، بۇ تىللارنىڭ يا فونىتېكىلىق يا لېكسىكىلىق چەكلىمىلىكلىرى دۇنياۋى تەرەققىياتلاردا ئاجىزلىقىنى نامايەن قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر تىلى مەيلى قايسى جەھەتلەردىن بولسۇن بۇنداق ئاجىزلىقلاردىن خالى بولۇپ، تىلنىڭ قولايلىقلىقى ۋە ئىپادىلەش ئىقتىدارى جەھەتلەردە ھەرقانداق دۇنياۋى تىللار بىلەن رىقابەتلىشەلەيدۇ. بۇ بايانلار پەقەت ھېسىياتقا تايىنىپ ئېيتىلغان سۆز بولماستىن ئۇيغۇر تىلىنى ياخشى بىلىدىغان نۇرغۇن مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئورتاق قارىشىدۇر. باشقا تىللارغا ئەسلى ئۇسلۇبى بىلەن تەرجىمە قىلىش مۇمكىن ئەمەس دەپ قارالغان خىتاي كىلاسسىك ئەسەرلىرىدىن قىزىل راۋاقتىكى چۈش قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا يۈكسەك نەپىسلىكتە تەرجىمە قىلىنىشى ئۇيغۇر تىلىنىڭ خىتاي تىلىدىن كەم ئەمەس بەلكى ئارتۇقلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. خىتاي تىلىدا باشقا تىللاردىن كىرگەن سۆزلەر ئاز ئەمەس، پەقەت ئاھاڭ ۋە يەزىق جەھەتتىن پەرق ئەتمەك تەس. خىتاي تىلىغا قوبۇل قىلىنغان كۇلۇب ( 俱乐部)، رومانتىك ( 浪漫)، تيپھوئون (台风)دېگەندەك سۆزلەر خىتايچە كۆرۈنسىمۇ ئەمما ياۋرۇپا تىللىرىدىن كىرگەن. خىتاي بۈگۇنكى كۈندىمۇ خىتاي تىلىنى ئىنگلىزچىنىڭ ئىستىلاسىدىن قوغداش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشماقتا. ئەگەر ئۇيغۇر تىلى خىتاي تىلى ئىگە بولغان بارچە ئىمكانىيەتلەرگە ئىگە بولغان بولسا خىتاي تىلىدىن كۆپ ئۈستۈن بىر تىل بولۇشىدا شەك يوق ئىدى. ئۇيغۇر تىلى بىر ئالاقىلىش قورالىدىن كۆپ ئۈستۈن بولغان، ئۇيغۇرلارنىڭ روھى ۋە قېنى بىلەن بىرىكىپ كەتكەن بىر مەدەنىيەت ۋە تەپەككۇر شەكلى. ئۇيغۇر تىلىدا ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدىغان ھېچ مەزمۇن ۋە سۆز يوق.

        ئانا تىل شۇنىڭ ئۈچۈن مۇھىمكى:

1.تىل بىر مىللەتنىڭ ئىجتىمائى قۇرۇلمىسى ئۈچۈن بەك مۇھىم بولغان بىر پارچە، چۈنكى بىر مىللەتنىڭ كىشىلىرى ئورتاق تىل ئارقىلىق ئالاقىلىشىدۇ ۋە ئۆزلىرىنى شۇ بىر مىللەت سۈپىتىدە ئىپادە قىلىدۇ. ئەگەر تىل يوقالسا كەلگۈسى ئەۋلاتلار ئۆزلىرىنىڭ مەدىنىيىتىنى تولۇق چۈشۈنىدىغان ئىنتايىن مۇھىم بىر پارچىنى يوقاتقان بولىدۇ. بۇ ئامىل تىلنى مەدىنىيەت مىراسلىرىنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئاسان ھۇجۇمغا ئۇچرايدىغان تەرەپكە ئايلاندۇرغان. شۇڭا بىر مىللەتنىڭ تىلى ئۆز مەدىنىيىتى ساقلاپ قېلىشتا كۈچلۈك ئاساس بولۇپلا قالماستىن، بىر مەدەنىيەتنىڭ يوقۇلۇشىدىكى ئەڭ ئاجىز ھالقىغا ئايلانغان. بىر مەدىنىيەتنى يوقۇتۇشنى كۆزلىگەنلەر ئەڭ ئاۋال مۇشۇ ئاجىز نۇقتىغا ھۇجۇم قىلىدۇ. 

2. تىل يوقالغاندا شۇ تىلدا سۆزلەشكۈچى مىللەتنىڭ مەدىنيەت بىلىملىرى ۋە ئۇنى بىلىشتىكى ئاڭ داۋام قىلالمايدۇ، چۈنكى ئۇنى يەتكۈزىدىغان ئوقۇتۇش، ئۆرپ -ئادەت، ئەنئەنە ۋە باشقا مىراس قالىدىغان بىلىملەر ئانا تىلدا كېيىنكىلەرگە يەتكۈزۈلۈشتىن توختايدۇ. 

3. بىر تىل يوقۇلىدىكەن ئىنسانلار ئارىسىدىن بىر تەپەككۈر، ئىلىم دۇنياسىدىن بىر بىلىم مەنبەسى يوقۇلىدۇ. تىلشۇناسلىقتىكى، تارىختىكى، ئانتروپولوگىيەدىكى ، پىسخولوگىيدىكى بىر ئۆزگىچىلىك ۋە بايلىق يوقالغان بولىدۇ. ئۇيغۇر تىلى بىر قەبىلىنىڭ ياكى كىچىك قەۋمنىڭ تىلى ئەمەس بەلكى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە چوڭقۇر ئىز قالدۇرغان بىر بۈيۈك مىللەتنىڭ تىلى. 

4. تىللار ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆزگىرىشى داۋامىدا مەۋجۇت بولۇپ، يۈكسىلىپ كەلدى. بىر مىللەتنىڭ تىلى ئۇنىڭ پۈتۈن تارىخى بىلەن باغلانغان بولىدۇ. ئۇيغۇر دېگەن بىر سۆزنىڭ ئۆزىلا بىزنىڭ تارىخىمىزنى ئەڭ قەدىمكى چاغلارغىچە باشلاپ بارىدۇ.

5. تىل ئېنىقكى بىر مىللەت ئۈچۈن بولمىسا بولمايدىغان قورال. مىللەت تىل ۋاستىسى بىلەن ئۆزىنىڭ سىياسى، ئىجتىمائى مەدەنى، ۋە ئىقتىسادى ھاياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.بىر مىللەتنىڭ ئۇيۇشىشى تىلنىڭ قۇردىتى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ.

6. بىر تىل پەقەت بىر توپ ئۈچۈن ئىدىيە ئىپادىلەشتىكى، ئۆزارا چۈشۈنۈشتىكى، قىممەت قاراشلىرىنى ئالماشتۇرۇشتىكى ۋاستە بولۇپلا قالماستىن بەلكى ئىجتىمائى كىملىكىنى نامايەن قىلىشتىكى ئاساسى بەلگىسى ھېساپلىنىدۇ. 

7. ئانىنىڭ تىلى بالا قەلبىگە خۇددى ئانا سۈتى بىلەن سىڭگەندەك ، ئادەمنىڭ بالا چېغىدا ياخشى كۆرگەن ۋە سۆزلىگەن تىلى ئۇنىڭ روھىغا سىڭىدۇ. بىر تىل ئارقىلىق سىڭگەن مىھرى-مۇھاببەت ۋە يېقىنلىق بىر مىللەتنىنىڭ ئادەملىرنى باغلاپ تۇرىدىغان رىشتە. تىل ئارقىلىق مىللەتنىڭ ئادەملىرى بىر بىرىنى تونۇيدۇ، ئۆزلىرىنىڭ بىر قانغا تەۋە ئىكەنلىكنى بىلىدۇ. بىز ئۇيغۇرلار تىل ئارقىلىق بىر بىرىمىزگە باغلىنىپ تۇرىمىز. بۇ قىممەتلىك ئومۇمى ھېسىيات بىز يوقاتساق قەتئى بولمايدىغان نەرسە. 

8. تىل مەدىنىيەت تۇغقانچىلىقى ھېسىياتىنى تۇتۇپ تۇرۇشتىكى مۇھىم ئامىل. 
  ئەگەر چەتئەلدە نەتىجە قازانغان بىرەرلەننىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىنىكى بىلگىنىمىزدە، شۇ شەخسنىڭ بىز بىلەن بىر تىلدا سۆزلەيدىغان ئادەملىكىنى بىلگىنىمىزدە بۇنىگدىن خوشاللىق ۋە پەخىر ھېس قىلىمىز. ئەگەر ئۇيغۇر تىلى ئارقىلىق ياخشى ئوقۇپ چىققان ۋە بۇ تىلدىكى بىلىمى ئارقىلىق ياخشى خىزمەتكە ئېرىشكەنلەر بولغىنىدا ، ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلەشكۈچى پۈتۈن ئادەمنىڭ ئىجتىمائى كىملىكىنى ئىپادىلىشى ئۈچۈنمۇ شۇنچە ياخشى بولىدۇ.  
        
9. بىزنىڭ تىلىمىز بىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىمىزنىڭ بىر قىسمىدۇر. بىزنىڭ تىلىمىز بىزگە بىز بىلەن ئوخشاش تىلدا سۆزلىشىدىغانلارغا بولغان كۈچلۈك تەۋەلىك تۇيغۇسى بەرسە، بىز بىلەن ئوخشىمايدىغان تىلدا سۆزلىشىدىغانلارغا قارىتا كۈچلۈك پەرق تۇيغۇسى  بېرىدۇ. ئەگەر بىرسى تىلىمىزغا ھۇجۇم قىلسا، تىلىمىزنى كەمسىتسە بىز پۈتۈن مىللەت ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندەك ۋە كەمسىتىلگەندەك تۇيغۇدا بولىمىز. بىر تىلنى چەتكە قاققانلىق ئاشۇ تىلدا سۆزلىشىدىغانلارنى چەكتە قاققانلىق بولىدۇ. تىلىمىزغا بولغان ھۆرمەتسىزلىك بىزگە قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك بولىدۇ.         

10. تىل كىملىكنى ئىپادىلەشتىكى ئەڭ مۇھىم ئامىل ۋە مىللەتنىڭ كىملىكىنى ساقلاشتىكى ئاچقۇچ. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلاردەك چەتكە قېقىلىۋاتقان ۋە كىملىكى تەھدىتكە ئۇچراۋاتقان بىر مىللەت ئۈچۈن تىل ئۇيغۇرلارنى باشقا كىملىكلەردىن بولۇپمۇ خىتاي دولىتى كىملىكىدىن ئايرىيدىغان ئەڭ زور ئوخشىماسلىقنىڭ بىرىدۇر. تىلىمىز بىزنى خىتايدىن ۋە خىتاي دۆلىتى ئىچىدىكى باشقىلاردىن پەرقلەدۇرۇپ ساقلاپ تۇرىدۇ. تىل بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىدىكى ئەڭ گەۋدىلىك بىر تەرەپ. ئەگەر تىل يوقىلىدىكەن، شۇ مىللەتنىڭ مەدىنىيىتىنىڭ ئاساسى قىسمى يوقىلىدۇ. بىر مىللەتنىڭ مەدىنىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن شۇ مىللەت سۆزلىشىدىغان تىلنى ساقلاپ قېلىش كېرەك. 

بىز قىلىشقا زۆرۈر بولغان ۋە قىلالايدىغان ئىشلار

1.  كىتاپ ۋە نەشرىياتچىلىق
    كىتاپ چىقىرىش ۋە تارقىتىش بىر تىلنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يوللىرىدىن بىرى. ھازىر بۇ ساھەدە ئاللاقاچان بىر قىسىم ئىشلار باشلىنىپ بولدى. كىتاپ چىقىرىش ئىشىنى ناھايىتى يۈكسەك بىر سەۋىيەگە كۆتۈرەلىسەك ئۈنىڭ ئۈنۈمى ۋە كەلگۈسى ئەۋلاتلارغا يەتكۈزىدىغان پايدىسى بەك زور بولىدۇ. تەدبىرياي نەشرىياتى’نىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بۇرۇن ۋە كېيىن بېسىلغان كىتاپلارنى قايتا بېسىشى ۋە ئەركىن سىدىق قاتارلىق مۇتەخەسىسلەرنىڭ كىتاپلىرىنى قەغەز ۋە ئېلېكترونلۇق شەكىللەردە بېسىپ تارقىتىشى بۇ جەھەتتىكى بىر ئۈلگە. 
   ئۇنىدن باشقا دەرسلىك تۈزۈش ئىشىنى كەڭ كۆلەملىك ۋە يۇقۇرى سەۋىيەدە جانلاندۇرۇش كېرەك. ۋەتەندە بۇرۇن تۈزۈلگەن نۇرغۇن دەرسلىك كىتاپلارنىڭ ھازىرمۇ پايدىلىنىش قىممىتى بەك يۇقۇرى. ئاشۇ كىتاپلارنى رەتلەش ۋە قايتا نەشىر قىلىش ئىشى ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. 
   ۋەتەن سىرتىدا يېڭىدىن تۈزۈلگەن ئېلىپبە دەرسلىكلىرى پەقەت بىر باشلىنىش.

 
2. لۇغەت تۈزۈش
  چوڭ تىپتىكى لۇغەتلەرنى تۈزۈش ۋە قوللانما كىتاپلارنى تۈزۈش ئىشى ئۇيغۇر تىلىدا چوقۇم قىلىشقا تېگىشلىك زۆرۈر بىر ئىش. ۋەتەندە نەشىر قىلىنغان ۋە ھازىر بولغان ئىمكانىيەتلەر ئاساسىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ زور ھەجىملىك لۇغىتىنى تۈزۈپ چىقىش بەكمۇ زۆرۈر. شۇ ئاساستا ئۇيغۇرچە -ئەڭلىزچە قوش يۆنۈلۈشلۈك لۇغەتلەرنى يۇقۇرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈش مۇمكىن. بۇ بىر ئۇزۇن مەزگىللىك پىلان بولسىمۇ ئۇنىڭ ئاساسى قىسمىنى پىلان بويىچە ئىشقا كىرىشتۈرۈشكە بولىدۇ. ئۇندىن باشقا تۈرلۈك قوللانما كىتاپلار، مەخسۇس لۇغەتلەر، مەنىداش سۆزلەر ۋە قارمۇ قارشى سۆزلەر لۇغەتلىرىنى زور كۈچ بىلەن ھۇجۇدقا كەلتۈرۈش كېرەك. بالىلار ئۈچۈن رەڭ ۋە ھايۋاناتلار لۇغىتى، تىببى پەن لۇغەتلىرى، پەلسەپە لۇغىتى، كومپۇتەر لۇغىتى قاتارلىقلارنىڭ تۈزۈلىشى ئېنىقكى نۇرغۇن ئىلگىرلەش پەيدا قىلىدۇ. ۋەتەندە ئىلگىرى تۈزۈلگەن لۇغەتلەر گەرچە بەزى چەكلىمىلىكلەرگە ئىگە بولسىمۇ يەنىلا يېڭىسىنى تۈزۈش ئۈچۈن زۆرۈر ماتېرىيال بولالايدۇ.
3. تەرجىمە
   كىتاپ ۋە باشقا زۆرۈر ماتېرىياللارنى تەرجىمە قىلىش ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاپ قېلىشتىكى مۇھىم ئۇسۇللارنىڭ بىرى. تەرجىمە كىتاپ ۋە يازمىلارنى تەرجىمە قىلىش، كىنو- فىلىم ۋە ئۈن- سىن ماتېرىياللىرىنى تەرجىمە قىلىش، سېلىشتۇرما لۇغەت ۋە ئاتالغۇلارنى بېكىتىش، كومپۇتېر ئىلمىگە مۇناسىۋەتلىك تۈرلۈك ئاتالغۇ ۋە يۇمشاق دېتاللارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئەگەر ئۆسمۈر بالىلار ئەڭ قىزىقىدىغان ۋە بۈگۈنكى كۈندە كەڭ تارقالغان بەزى كارتۇنلار ۋە ئويۇنلار ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلسا ئۇنىڭ ئۈنۈمى سۈبھىسىز يۇقۇرى بولىدۇ. بۇ جەھەتتە ئەھمىيەتلىك ئىش قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز بار. ئۇلارنى قوللاش ۋە بۇ ئىشلارنى كېڭەيتىش كېرەك. بۈگۈنكى كۈندە ئىلىم دۇنياسىدىكى نۇرغۇن يېڭىلىقلار تەرجىمە ۋاستىسى بىلەن خەلقىمىزگە يېتىپ بارىدۇ. تەرجىمە ئارقىلىق تىلنىڭ ئىجادچانلىق قۇۋۋىتىنى ئۆستۈرۈش بەكمۇ زۆرۈر، چۈنكى نۇرغۇن يېڭى ئاتالغۇلارنى ئۇيغۇرچىدا قانداق ئېلىش بىزدىن كۆپ ئىجادچانلىق ۋە تەپەككۈر تەلەپ قىلىدۇ. ئۇيغۇر كومپيۇتەر ئىلمى جەمئىيىتى ۋە ھەۋەسكارلارنىڭ تۆھپىسى بىلەن كومپيۇتەر يۇمشاق دېتاللىرىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرىدىغان بەزى ئەمگەكلەر بارلىققا كەلدى. بۇنى چوقۇم زور كۈچ بىلەن داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. كومپيۇتەر پروگراممالىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاپ قېلىش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ ئىستىقبالى بەك زور. 

4. ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىش
  ئۇيغۇر تىلىنى ئۈنۈملۈك ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلىنى قانداق ئۆگىتىش ھەققىدە داۋاملىق ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ. ۋەتەن ئىچىدىكى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىش خىتايلارنى ئاساس قىلغان بولۇپ، بەلگىلىك تەجرىبىلەرگە ئىگە. ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرچە ئۆگىتىش تېخى ناھايىتى ئاجىز ھالەتتە. ھارۋارد ۋە ئىندىئانا ئۇنىۋېرستېتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرقانچە مەكتەپتىلا ئۇيغۇرچە دەرس تەسىس قىلىنغان. ئۈنۈملۈك ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرى تۈزۈش ۋە ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشىنى ئاسانلاشتۇرۇش نۆۋەتتە قىلىدىغان ئىشلارنىڭ بىرى. بىر مىللەت ئۆز تىلىنى باشقىلارغا ئۆگىتىش يولى بىلەن تىلنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتىدۇ. ئەگەر ئۇيغۇر تىلىغا قىزىقىدىغان ۋە ئۇيغۇرچە ئۆگىنىدىغانلارنىڭ سانى كۆپەيسە ئۇيغۇر تىلىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشى ئۈچۈن پايدىلىق بولىدۇ. ئۇيغۇر تىلى ئۈچۈن روسەتتا ستونە’غا ئوخشاش ئوقۇتۇش پروگراممىلىرىنى مەيدانغا كەلتۈرۈش كېرەك. 

5. ئۇيغۇرچە توربېكەتلەرنى كۆپەيتىش
   ۋەتەندىكى ئۇيغۇرچە توربېكەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنى ھاياتىدا زور رول ئۇيناپ كەلگەن ۋە ئۇيغۇرلانرىڭ ئىدىئولوگىيە تەرەققىياتىدا مۇھىم ئورۇن ئىگەلىگەن ئىدى. 5. ئىيۇل قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن ئومۇمىيۈزلۈك ۋەيران قىلىنغان ئۇيغۇر تورچىلىقى قىسقا مەزگىللىك ئەسلىگە كېلىشتىن كېيىن قايتا ۋەيران قىلىندى. تور دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پۈتۈنلەي قامال قىلىنىشى خىتاينىڭ بۇ ۋاستىدىن قانچىلىك قورقىدىغانلىقىنى ۋە توربېكەتلەرنىڭ بىزنىڭ پىكىر ئالاقە ۋە تەشكىللىنىشىمىز ئۈچۈن قانچىلىك زۆرۈز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرىدۇ. 
6. بارلىق ۋاستىلەر بىلەن تىل داۋاسى قىلىش
  بارلىق قانۇنى يوللار ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ چەكلىنىشىنى خەلقارا سەھنىدە تېخىمۇ كۆپ تەشۋىق قىلىش ۋە بۇ ئارقىلىق خىتايغا بېسىم ئىشلىتىش كېرەك. 2000. يىللارنىڭ بېشىدا ئۈرۈمچىدىكى بەزى ئوتتۇرا مەكتەپلەر جىددى ھالدا كۈتۈپخانىلىرىغا ئۇيغۇرچە كىتاپ توشقۇزۇش ۋە تولۇقلاش ئېلىپ بارغان. سەۋەبى بىرلەشكەن مىللەتلەردىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى قوللىنىش ھوقۇقۇنى تەكشۈرگىلى بىر گۇرۇپ كەلمەكچى ئىكەن. گەرچە بۈگۈنكى خىتاي بۇ جەھەتتىن تەخىمۇ يولسىز بولسىمۇ ، يوللۇق ئەرز شىكايەتلەر خەلقارا جەمئىيەتتە خىتايغا يەنىلا بېسىم بولىدۇ ۋە ھەققانى داۋالىرىمىزنى تونۇتۇشتا چوڭ رولى بولىدۇ.

 
7. ئۇيغۇر تىلى ئۈچۈن بىر ئورگان بەرپا قىلىش
  ھازىرغىچە ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن خالىس ئەمگەكلەر ۋە بۇ جەھەتتە بەزى تەشكىللىنىشلەر بولغان بولسىمۇ يەنىلا كۈچلۈك بىر ئۇيغۇر تىلى ئورگىنى قۇرۇپ ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش پىلانلىرى ۋە تەكلىپلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان ھەركەتنى مەيدانغا كەلتۈرۈش كېرەك. ئۇيغۇر تىلىغا پىششىق مۇتەخەسىسلەر، ئىجادكارلار ۋە تىل ۋە تەرجىمىدە ياخشى بولغان ئادەملىرىمىزدىن بىر قوشۇن تەشكىللەش ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىدىكى بەزى مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشقا ۋە تىل مۇلازىمىتى ئارقىلىق ئىقتىسادى ئۈنۈم يارىتىشقا بولىدۇ.
8. ئۇيغۇر تىلىنى ئائىلىلەردە ئومۇملاشتۇرۇش 
  ئۇيغۇر ئائىلىلەردە “ بالا تالاغا چىقسا شۇ يەردىكى چەتئەل تىلىدا سۆزلەش، ئۆيگە كىرسە ئۇيغۇرچە سۆزلەش“نى ساقلاپ قېلىش ۋە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. ئەگەر ئاتا ئانا ئۆز تىلىنى ياخشى بىلسە تەبىئىكى بالىلار ئۇنى داۋاملاشتۇرىدۇ. چەتئەللەردە ياشاۋېتىپمۇ ئۆز ئانا تىلىنى نەچچە ئەۋلاتقىچە يوقاتمايدىغان مىللەتلەرنىڭ ئۈلگىسى بولغان تۈركلەردە ئەنە شۇ ئەنئەنە ئىزچىل داۋام قىلغان. تۈرك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۆيدە تۈركچە ، تالادا چەتئەلچە سۆزلىشىش يولىنى بىز قوللانساق ئەلۋەتتە بولىدۇ. 
9. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز-ئارا ئىجتىمائى ئالاقىسىنى كۈچەيتىش
  ۋەتەندىكى ئۇيغۇر ھاياتىدا توي- تۆكۈن، مېھماندارچىلىق ئۇيغۇر ئىجتىمائى ھاياتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ۋە مىللىلىكنى ساقلاپ قېلىشتىكى بىر تۈزۈلمىگە ئايلانغان. ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ بىر قىسىم جايلاردا شۇنداق شەكىلدە ئىجتىمائى ھاياتىنى داۋام قىلىۋاتىدۇ. مۇمكىنقەدەر توي – تۆكۈن، يىغىلىش، تۈرلۈك مەدەنىيەت ۋە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىنى داۋام قىلىش ۋە بالىلارنى قىزىقتۇرۇش كېرەك. ئويۇن ۋە كۆڭۈل ئېچىش يوللىرىنى بىلەن بالىلارنى ئۇيغۇرچە ئالاقىدە بولۇشقا يېتەكلەش ئۈنۈملۈك يولدۇر. 

10.قېرىنداش تىللار ئارىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىش ۋە تىل قوغداش ھەرىكەتلىرىگە قاتنىشىش
  چەتئەللەردە ياشاۋاتقان تۈركلەر ۋە ئۆزبەكلەر بىلەن بەزى پائالىيەتلەرنى بىللە ئۆتكۈزىدىغان ھالەتنى كېڭەيتىش ۋە بۇ قېرىنداشلىرىمىز بىلەن ئالاقىدە ئۇيغۇر تىلىنى ۋە تۈرك تىلىنى( ئۇيغۇرچىلاشقان تۈركچىنى) ئىشلىتىشنى داۋام قىلىشمۇ تىلىمىزنى ساقلاپ قېلىشتا ۋە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تىلىمىزنى ئەستە ساقلىشىدا مەلۇم رول ئوينايدۇ. تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق ئورتا ئاسىيادىكى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن مەدەنى ۋە تۇققاندارچىلىق ئالاقىنى كۈچەيتىش مۇھىمدۇر. يەنە بىر تەرەپتىن خەتەر ئاستدىكى تىللار ھەرىكىتىگە قاتنىشىش ۋە خەتەر ئاستىدىكى تىللارنى قوغداش ئۈچۈن ئاۋاز قوشۇشمۇ باشقىلارنىڭ بىزنى قوللىشىغا يول ئاچىدۇ. 

   تىلىمىزنى قوغداپ قېلىشتا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى تونۇپ يېتىش بىر مەسىلە، لېكىن تونۇپ يەتكەن ئىشلارنى پىلانلىق ھالدا ئەمەلگە ئاشۇرۇش باشقا بىر مەسىلە. ئوبۇلقاسىم فىردەۋسى ئۆزىنىڭ شاھنامە’سى ئارقىلىق ئىراننى ۋە پارس تىلىنى قۇتقۇزۇپ قالغانلىقنى جاكارلىغان ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر تىلىنى ئۆزىنىڭ پۈتكۈل ھاياتى، تەپەككۇرى، ۋە ئىستىقبالى بىلەن باغلىغان ئۇيغۇرلاردىن ساناقلىق ئادەم ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاپ قېلىشتا زور رول ئوينىشى مۇمكىن. ئىسپانىيە’نىڭ سانتىئاگو دە كومپوستەلا ئۇنىۋېرستېتىدىكى تىلشۇناس ۋە ئانالىزچى جوسە مىرا’نىڭ قارىشىچە ئىككى خىل تىلنىڭ بىر خەلق ئىچىدە تەڭ مەۋجۇت بولۇش ئىمكانىيىتى بار. مۇنداق ئەھۋال ئاستىدا شۇ خەلقنىڭ تىلىنىڭ داۋاملىق مەۋجۇت بولۇشى ئاز بىر قىسىم ئادەملەرگە يەنى مىللەتنىڭ ئىچىدىكى تىلنىڭ باشلامچىلىرىغا باغلىق بولۇپ قالىدۇ. يەنى پۈتكۈل بىر مىللەتنىڭ تىلىنىڭ مەۋجۇت بولۇش بولماسلىقى مىللەت ئىچىدىكى بىر قانچە شەخسنىڭ ھەرىكىتىگە باغلىق بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇرلار ئىچىدە ”مەنلا بولسام ئۇيغۇر تىلى ئۆلمەيدۇ“ دەيدىغان قاراشتىكى بىلىملىكلەر ۋە تەپەككۈر ئىگىلىرى قانچە كۆپ بولسا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ساقلىنىپ قېلىش ئېھتىمالى شۇنچە چوڭ بولىدۇ. 

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>