باش بەتكە قايتىڭ » جىددىي ئۇقتۇرۇش » ئىككى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقى نىڭ 84-يىللىقىنى خاتىرىلەش چاقىرىقى
ئىككى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقى نىڭ 84-يىللىقىنى خاتىرىلەش چاقىرىقى

ئىككى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقى نىڭ 84-يىللىقىنى خاتىرىلەش چاقىرىقى

مۇستەبىت خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى كۈچلىرى  شەرقى تۇركىستاندىكى قانۇنسىز ھاكىمىيىتىنى يەرلىك خەلىقنىڭ ئىدىيسىگە مەجبۇرى سىڭدۈرۈپ قانۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق،خەلق ئاممىسىنى مۇستەملىككە تەلتۆكۈس كۆندۈرۈش ئۈچۈن بارلىق شەرقى تۇركىستانلىقلارغا ئاتالمىش (جۇڭگوچە ۋەتەنپەرۋەرلىك ھىسياتى)نىڭ يۇرت ۋە بايراق سۆيگۈسىنى  كۈچەپ تەشۋىق قىلماقتا.ئۇلار ،زوراۋانلىق ۋە كېڭەيمىچىلىك ئىدىيىسى سىڭدۈرۈلگەن خىتاي كوممۇنىستىك دۆلەت بايرىقىنى شەرقى تۈركىستاندىكى ھەممە جايغا ئېسىپ،ئۇمۇمىي خەلىقنى ھەر كۈنى دىگۈدەك خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچىلىرىنىڭ دۆلەت شىرىنى ئۇقۇپ،كومپارتىيەگە مەدھىيە ئېيتىشقا،ئەشۇ زوراۋان قانخور- جاللاتلارنىڭ دۆلەت بەلگىسى بولغان بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى چىقىرىش مۇراسىملىرىغا قاتنىشىشقا زورلىماقتا.

مەزكۇر بىمەنە مەجبۇرى مۇراسىملارغا قاتنىشىشنى ئىدىيسىدىن ئۆتكۈزەلمەي،پاك ۋىجدانغا يۈرگۈزەلمەي ئۇنىڭغا قاتنىشىشنى قەتئىي رەت قىلغان ،ياكى بىرە سەۋەب چىقىرىپ كېچىكىپ قاتناشمىقان،قىزىل كۆز مۇستەملىكچى ئۇنسۇرلارنىڭ سېسىق قان پۇرايدىغان ئەشۇ قىزىل بايرىقنى ئۆيلىرىگە ئېسىشنى رەت قىلغان ئىمانلىق شەرقى تۇركىستانلىقلارنى جازالاش ئارقىلىق ھەيۋە قىلىپ،ئۆزىگە ئەل قىلىش ۋە تىز پۇكتۇرۇش ئۈچۈن  بىر يورۇش بىمەنە قانۇن بەلگىلىمىلەرنى ماقۇللاپ،مۇستەملىككە تىز پۈكمەسلىك خاھىشى بولغان بارلىق شەرقى تۈركىستانلىقلارنى ئاتالمىش(خىتاي دۆلەت بايرىقىنى سۆيۈش قانۇنى)غا خىلاپلىق قىلغان دەپ  ئېيىپلاپ ئاز دېگەندە ئۇچ يىلدىن بەش يىلغىچە قاماق جازاسى بەرمەكتە.image

خەلقىمىزنىڭ بېشىغا مەجبۇرلىنىش تۈسىنى ئالغان  مۇشۇنداق ئېغىر كۈنلەر كېلىۋاتقان بىر ھالقىلىق  پەيتتە يېقىنقى تارىخىمىزدا،يەنى 1933-يىلى11-ئاينىڭ 12كۈنى ۋە 1944-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى قۇرۇلغان شانلىق ئىككى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ تۇغۇم كۈنى يېقىنلاپ كېلىۋاتىدۇ.بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق شەرقى تۈركىستانلىقلارنى،جۈملىدىن شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان تامامىي ئۇيغۇرلارنى يىتىپ كېلىۋاتقان ئىككى جۇمھۇرىيەت كۈنىنى شەرت شارائىتىغا بېقىپ تەنتەنىلىك ۋە قىزغىن تەبرىكلەشكە  چاقىرىمىز.11-ئاينىڭ12-كۈنى يەكشەنبە ئەتتىگەن سائەتلىرىدە  شەرقى تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى بالكۇنلىرىغا ئېسىپ قەدىرلەپ ئۇنىڭغا ئىگە چىقىش ئارقىلىق شەرقى تۈركىستانچە ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىسىنى ئەۋلادلىرىغا ئۆگىتىپ تەشۋىق قىلىشقا چاقىرىق قىلىمىز!ئۆيلىرىدە ئۆلچەملىك بالكون بايرىقى يوق بولۇپ قېلىپ قىيىنچىلىق تارتىۋاتقان ۋەتەنداشلارنى ئۆلچەملىك كۆك بايراق بىلەن تەمىنلەيمىز.

مۇشۇ ئاينىڭ 12-كۈنى يەكشەمبە كەچ سائەت 17:00 دە ئۇيۇشمىمىز بارلىق ئەل جامائەتنى مەسچىتنىڭ يىغىن زالىغا تەكلىپ قىلىپ،شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ قىزىل كۆز خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئۇنسۇرلىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى، ھەمدە گومىنداڭ  ۋە شىڭسىسەي مۇستەبىتلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلبىسىنىڭ 84-يىللىقىنى تەبرىكلەش مەزمۇنىدا لىكسىيە ئۇرۇنلاشتۇرۇپ،ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىپ،ئەل جامەئەتنىڭ تۈركىستانچە ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسياتىنى ئورغۇتۇپ،ئۇلارنى تەشكىلاتلارغا ئەگىشىپ،شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىق ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن تېرىشىپ كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىمىز!madalyalar1ئۇشبۇ «تۈركىستانچە ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلىش»پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئىمكانى بار تۇرۇپمۇ ئۇنىڭغا سەل قاراپ قاتناشماسلىق ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئۆزى مەجبۇرى ئۆلتۈرۈپ،كىملىكىنى ئۇنۇتۇپ تىرىك موردىغا ئايلىنىپ قالاي دېگەن مىللى روھسىز ۋەتەنداشلارنىڭ ئۆلگەن روھىغا ئالاھىدە ئاتاپ، شۇنداقلا شەرقى تۈركىستان تارىخىدا دۆلەت ۋە خەلىقنىڭ ئازاتلىقىنى پاك ئىيمانى ۋە ئىپپەت نۇمۇسىنى قوغداش يولىدا شېھىت بولغان بارلىق شېھىتلارغا ئاتاپ دۇئا تەكبىر قىلىمىز.

ھازىرغا قەدەر «تۈركىستانچە ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىسىنى تەشۋىق قىلىش»پائالىيىتىگە قاتناشماي ئۆزىنى بىر چەتكە ئېلىپ يۈرگەن ۋەتەنداشلارنى ۋاقىت زايا قىلماي ۋە ھېچ ئىككىلەنمەي ۋتەن داۋاسى سېپىگە قاتنىشىپ بىر كىشلىك مەجبۇرىيتىنى ئادا قىلىشقا تۈۋەنلىك بىلەن دەۋەت قىلىمىز.بۇ شانلىق پائالىيەتكە ھەممەيلەننى تەكلىپ قىلىمىز!

ھۆرمەت بىلەن: شىۋىتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى

ۋە تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>