باش بەتكە قايتىڭ » جەمئىيەت پائالىيەتلىرى » ئۇيۇشمىمىز مەسئۇلى ئابدۇللا كۆكيار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نىڭ 6-نۆۋەتلىك پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتىيىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشتى
ئۇيۇشمىمىز مەسئۇلى ئابدۇللا كۆكيار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نىڭ 6-نۆۋەتلىك پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتىيىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشتى

ئۇيۇشمىمىز مەسئۇلى ئابدۇللا كۆكيار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نىڭ 6-نۆۋەتلىك پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتىيىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشتى

ئۇيۇشمىمىز مەسئۇلى ئابدۇللا كۆكيار،دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 6-نۆۋەتلىك پەۋقۇلئاددە ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى،دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالى رەھبىرى مۆھتەرەم رابىيە قادىر خانىم ۋە بارلىق قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى نىڭ ئالاھىدە تەكلىپىگە بىنائەن كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتنىشىش ئۈچۈن 10-نويابىر جۈمە كۈنى  چۈشتىن كىيىن گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىگە  يىتىپ باردى.قۇرۇلتاي ۋەكىللەر كىڭەش يىغىنىنىڭ بىرىنچى كۈنى ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئۇيغۇر تەشكىلات رەھبەرلىرى،ئاكتىپ سىياسى زاتلار ۋە چەتئەللىك ئىنسان خەقلىرى پائالىيەتچىلىرىگە ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىش پۇرسىتى بېرىلدى.ئۇلارنىڭ ھەر بىرى تەكلىپ بىلەن سۆزگە چىقىپ،ھەر خىل قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.شۇ،قاتاردا سۆزگە تەكلىپ قىلىنغان ئابدۇللا كۆكيار،كىڭەش يىغىنىدا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
ھۆرمەتلىك ئاكىلار!ئۇكىلار!ھەدىلەر ۋە سىڭىللار!پېشقەدەم رەھبەرلەر !ۋە بارلىق تەشكىلات مەسئۇللىرى!
ئۇيۇشمىمىز قۇرۇلغان ئون يىلدىن بىرى،خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ شەرقى تۈركىستاندا سادىر قىلغان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى،قىزىل كۆز خىتاي كوممۇنىست كۈچلىرىنىڭ قەبىھ ماھىيىتىنى خەلقئاراغا پاش قىلىش،شىۋېتسىيە پارلامىنتىدا ئۇيغۇر داۋاسىنى كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىش،شىۋېتشىيەدىكى ئۇيغۇر كۆچمەنلىرى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش،ئۇيغۇرلارنىڭ تىل ۋە مەدەنىيىتىنى،دىننى ئېتىقادىنى قوغداش،ئىستىراتېگىيە بىلىملىرىنى ئۆگىنىش ئارقىلىق تەشكىلات خىزمەتلىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇش،ياشلارنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق چۈشەنچىسى بۇيىچە تەربىيىلەش، قاتارلىق كۆپ قاتلاملىق ساھەلەر بۇيىچە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن پائال ھەمكارلىشىپ ئىشلىدى.بۇ،جەريانىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالى غايە نىشانلىرىنى چوڭقۇر چۈشىنىشكە مۇيەسسەر بولدى.دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىرىمۇ شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى نىڭ يىللاردىن بىرى ھەر خىل قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ داۋا سېپىدە قولغا كەلتۈرگەن زور ئۇتۇقلىرىغا يۇقىرى باھا بېرىپ قايىل بولدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ئون يىلدىن بىرى مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ داۋا سېپىدە  سەمىمى ۋە سادىق ھەمكارلاشقۇچى تەشكىلات بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەر دائىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى يالغۇز،ياكى يېرىم يولدا تاشلاپ قويمايمىز.يېقىندىن بۇيان قۇرۇلتاينىڭ تەشكىلى قۇرۇلمىسىدا كۆرۈلگەن بەزى سىياسى كىرزىسلار ھەممەيلەننى بىئارام قىلدى.مەزكۇر سىياسى كرىزىسنىڭ دوستانە دىيالوگ ۋە دېموكراتىك سايلام ئارقىلىق ئومۇمى بىرلىك سەپنى قوغدىغان ئاساستا توغرا ھەل قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىمىز!بۇ، جەھەتتە قولىمىزدىن كىلىدىغان ھەرقانداق ياردەمنى ئايىمايمىز.قۇرۇلتاي تەركىبىدە ئۇزاقتىن بىرى پىداكارلىق كۆرسەتكەن ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ  بىر-بىرىگە كەڭ قورساقلىق ۋە ئەپۋىچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ،سياسىي كىرزىسنى ئىتتىپاقلىققا ۋە ئىيجابى كۈچكە ئايلاندۇرالىشىغا ئىشىنىمىز.دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىلى قۇرۇلما ۋە تۈزۈم ئىشلىرىدا،ئۆزگەرمەس تۈپ پرىنسىپال مەسىلىلەردە چىڭ تۇرۇپ،ئۆزگەرتىپ تەرەققى قىلدۇرۇشقا تىگىشلىك تارماق مەسىلىلەرنى تەرەققى قىلىۋاتقان دۇنيا ۋەزىيىتى ۋە خىزمەت ئېھتىياجىغا قاراپ تەڭشەپ كەڭ دائىرلىك بىرلىك سەپ بەرپا قىلىپ،ئۆز ئارا دوستانە رىقابەت شەكىللەندۈرۈپ، كۈندىن كۈنگە ئالغا قاراپ ئىلگىرىلىشىگە تىلەكداشمىز!

10-نويابىر جۈمە كۈنىدىن 13-نويابىر يەكشەنبە كۈنىگىچە جەمى ئۈچ كۈن داۋاملاشقان قۇرۇلتايغا،ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى رابىيە قادىر خانىم،سابىق مۇئاۋىن رەئىس سىيت تومتۈرك ئەپەندىم قاتارلىقلار نامەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى قاتناشمىدى.رابىيە قادىر خانىم ئۇندىدار ئارقىلىق نەخ مەيدانغا يىغىلغان ۋەكىللەرگە سۆز قىلىپ قۇرۇلتاي كىڭەش يىغىنى نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزىلىشىگە تىلەكداش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.نەتىجىدە رابىيە قادىر خانىمنىڭ  ئالىي رەھبەرلىك سالاھىيىتى قۇرۇلتاي ۋەكىللىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىق ئاۋازى بىلەن تەستىقلاندى.دېموكراتىك ۋە ئادىل سايلام ئارقىلىق، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى قۇرۇلتاي رەئىسلىكىگە، دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ۋە پەرھات مۇھەممىدى(يورۇڭقاش) ئەپەندىلەر مۇئاۋىن رەئىسلىككە، ئۆمەر قانات ئەپەندى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسلىكىگە، سايلاندى.23467249_747621932104420_3756794419966828039_o
د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى تەركىبىدىكى ئورگانغا ئىقتىدارلىق خادىملار سايلام ئارقىلىق ۋەزىپىگە تەيىنلىنىپ، كۈچلۈك بىر رەھبەرلىك قوشۇنى دۇنياغا كەلدى.image
قۇرۇلتاينىڭ ئۈچىنچى كۈنى يەكشەنبە ئەتتىگەن ئۇيۇشمىمىز مەسئۇلى ئابدۇللا كۆكيار دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى نىڭ يېڭىدىن سايلانغان رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ۋە ئىجرائىيە كومىتېتى نىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات گوللاندىيە مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى ئۇبۇلقاسىم ئەزىز قاتارلىق رەھبەرلەر بىلەن بىر ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ بىرلىكتە ناشتا قىلدى.ئۇلار،بۇ ئەسنادا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ئۇيۇشمىمىزنىڭ ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدا قىزغىن سۆھبەتلەشتى.

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>