باش بەتكە قايتىڭ » خەلقئارا خەۋەرلەر » د ئۇ ق نىڭ 6-نۆۋەتلىك پەۋقۇلئاددە ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئاخىرلاشتى
د ئۇ ق نىڭ 6-نۆۋەتلىك پەۋقۇلئاددە ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئاخىرلاشتى

د ئۇ ق نىڭ 6-نۆۋەتلىك پەۋقۇلئاددە ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئاخىرلاشتى

12-نويابىر كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 6-نۆۋەتلىك پەۋقۇلئاددە ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئاخىرلاشتى.

د ئۇ ق نىڭ 6-نۆۋەتلىك پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتىيى 11-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە 3 كۈن داۋاملاشتى. پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتاينىڭ يېپىلىش مۇراسىمى سائەت 14:00 تە ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. يېپىلىش مۇراسىمىغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا يېڭى سايلانغان ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلەر ۋە 20 دۆلەتتىن كەلگەن 120 ئەتراپىدا ۋەكىل قاتناشتى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يېپىلىش نۇتقىدا، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى، بىرلىك-ئىتتىپاقلىقنىڭ ئېغىزدىكى قۇرۇق شوئار بىلەن ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىنى، ئەمىلى خىزمەتلەر بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

د ئۇ ق رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يېڭى سايلانغان رەھبەرلەرنىڭ بىرلىك-ئىتتىپاقلىق ئىچىدە ئىشلەپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى «شەرقىي تۈركىستان خەلقى كۈتۈۋاتقان تەلەپلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرەلەيدىغان بىر تەشكىلاتقا ئايلاندۇرىدىغانلىقى» نى بىلدۈردى.

بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاي جەريانىدا بەزى يېڭى تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. كاتىپلىق ۋە خىتاي ئىشلىرى كومىتېتى، ئېكولوگىيە كومىتېتىغا ئوخشاش يېڭى كومىتېتلار قۇرۇلدى.

قۇرۇلتاي رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى نۇتقىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تەشكىلاتلار بىلەن باشقۇرۇش -باشقۇرۇلۇش مۇناسىۋىتىدە ئەمەس، ئەكسىچە ھەمكارلىشىش مۇناسىۋىتىدە بولىدىغانلىقىنى، د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ د ئۇ ق غا ئەزا تەشكىلاتلارنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋالمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

بۇنىڭغا ۋەكىللەر قانداق قارايدۇ؟ قىسقىسى ۋەكىللەر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 6-نۆۋەتلىك پەۋقۇلئاددە ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا قانداق باھا بەردى؟ بۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن نەق مەيداندا ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، ياپونىيە، قازاقىستان، نورۋېگىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ۋەكىللەرگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق. ئۇلار ھەممە بىردەك بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ دېموكراتىيەلىك ئۆلچەملەرگە توشىدىغان شەكىلدە ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى، «شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن يېڭى بىر باشلانغۇچ بولغانلىقى» نى بايان قىلىشتى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 5-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى 2016-يىلى 7-ئايدا پارىژدا ئۆتكۈزۈلۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدا ئىچكى كرىزىس مەيدانغا كېلىش بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتىمۇ تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر شەكىلدە ئېغىرلاشقان بىر ۋەزىيەتتە، د ئۇ ق بۇ ۋەزىيەتنى نەزەردە تۇتۇپ، 6-نۆۋەتلىك پەۋقۇلئاددە قۇرۇلتاي چاقىرىش قارارى ماقۇللانغان ئىدى.

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>