باش بەتكە قايتىڭ » ئۆز خەۋىرىمىز » شىۋېتسىيە ۋە نورۋېگىيەدە جۇمھۇرىيەت كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
شىۋېتسىيە ۋە نورۋېگىيەدە جۇمھۇرىيەت كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

شىۋېتسىيە ۋە نورۋېگىيەدە جۇمھۇرىيەت كۈنى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

12-نويابىر كۈنى، پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى يېرىم ئەسىر ئىچىدە قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەت نورۋېگىيەدىكى ۋە شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى تەرىپىدىنمۇ ئۇيۇشتۇرۇلدى.

12-نويابىر كۈنى شىمالىي ياۋروپاغا جايلاشقان نورۋېگىيەنىڭ پايتەختى ئوسلودىكى ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مەسچىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى قېتىملىق جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ پائالىيەتكە نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن چوڭ- كىچىك بولۇپ 50 كە يېقىن جامائەت ۋەكىلى قاتناشتى. پائالىيەت شۇ يەر ۋاقتى سائەت 1 لەردە باشلىنىپ، سائەت 4 لەردە ئاخىرلاشتى.

شىۋېتسىيەدىمۇ 12-نويابىر كۈنى جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ناھايىتى قىزغىن ئېلىپ بېرىلدى. شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى سىتوكھولمغا جايلاشقان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى بىلەن تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى بىرلىكتە سۇلتان ساتۇق بۇغراخان مەسچىتىنىڭ پائالىيەت مەركىزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى قېتىملىق جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.

پائالىيەتنىڭ باشلىنىشى ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەت مارشى بىلەن ناھايىتىمۇ داغدۇغىلىق تۈس ئالدى. بۇ پائالىيەتكە شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن چوڭ كىچىك بولۇپ 60 قا يېقىن ئادەم قاتناشتى، بۇ پائالىيەت شۇ يەرنىڭ ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 5 لەردە باشلىنىپ سائەت 7:30 دا ئاخىرلاشتى.http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/ikki-jumhuriyet-11142017164157.htmlDOqh4DMXkAA-BbY

 

 

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>