باش بەتكە قايتىڭ » ۋەقە ۋە مۇلاھىزە » نېمە ئۈچۈن ھەدىس ئىنكارچىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى زىيالىلار؟
نېمە ئۈچۈن ھەدىس ئىنكارچىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى زىيالىلار؟

نېمە ئۈچۈن ھەدىس ئىنكارچىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى زىيالىلار؟

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.

ئاپتۇرى:خەزىنە

ماۋزۇدىنلا بۇ يازمىنىڭ نېمە مەقسەتتە يېزىلغانلىقى مەلۇم دەپ ئويلايمەن. يازمىغا ئىچكىرىلەپ كىرىشتىن بۇرۇن، ماۋزۇدىكى ئىككى ئاتالغۇ توغرىسىدا توختىلاي. بىرسى ”ھەدىس ئىنكارچىلىرى“. نېمە ئۈچۈن ”قۇرئانچىلار“ دېگەن كەلىمىنى ئىشلەتمەي، ”ھەدىس ئىنكارچىلىرى“نى ئىشلەتتىم دېگەندە، بىرىنچىدىن بۇ تائىپىنىڭ مېڭىۋاتقان يولىنى روشەن ئىپادىلەپ بەرگىلى بولىدۇ. ئىككىنچىدىن قۇرئانچىلار دېگەن نام بۇلارغا ھەقىقەتەن ئارتۇقلۇق قىلىدۇ. چۈنكى بۇلار مەلۇم جەھەتتىن ئېيتقاندا، قۇرئاننىمۇ ئىنكار قىلغۇچىلاردۇر. يەنە بىرسى ”زىيالى“ دېگەن ئاتالغۇ. بۇ سۆزگە ھازىرغىچە نۇرغۇنلىغان ئېنىقلىمىلار بېرىلدى، ئەمما قايسىسىنىڭ ئەڭ مۇۋاپىق ئىكەنلىكىگە ھەركىمنىڭ قارىشى ئوخشىمايدۇ. مەن بۇ يازمىدا كۆزدە تۇتقان زىيالى بولسا، پەننى مائارىپتا تەربىيەلەنگەن، ئۆز كەسپىدە مەلۇم دەرىجىدە سەۋىيە ھازىرلىغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ.

يېقىنقى 10 – 20 يىل مابەينىدە، قاتناش ۋە ئېنتىرنېتنىڭ تېز سۈرئەتلىك تەرەققىياتى ئۇيغۇر خەلقىگە بىر تەرەپتىن غايەت زور مىقداردىكى دىنىي ماتېرىياللار، يېڭىچە پىكىرلەر بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتى ئېلىپ كەلگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئەزەلدىن ناتونۇش بىر قىسىم مەزھەپ، ئېقىم، جامائەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىغا سىڭىپ كىرىشىگە تۈرتكە بولدى. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەھلى سۈننى ۋەلجامائەگە تەۋە، ئەمما ئۇيغۇرلارغا يات ئېقىملار سەلبىي ۋە ئىجابىي تەرەپتىن تۈرلۈك ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلگەن بولسا، يەنە بىر تۈركۈم ئازغۇن پىرقىلەر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دىنىي ئىلىمگە چاڭقاپ تۇرغان ۋاقتىدىن ئوبدان پايدىلىنىپ، ئۆز دەسمايىلىرىنى بازارغا سېلىپ ئۈلگۈردى. شۇلارنىڭ تىپىك ۋەكىللىرىدىن بىرى يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ھەدىس ئىنكارچىلىرىدۇر.

نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان بۇلار توغرىلىق كۆپلىگەن گەپ – سۆزلەرنى ئاڭلىدىم. خوجىلىرىنىڭ لېكسىيەلىرىنى، يازمىلىرىنى، شۇنداقلا، بۇلارغا بېرىلگەن رەددىيەلەرنى كۆرۈپ چىقتىم. بايقىغان قىزىق بىر ئىش شۇ بولدىكى، تۈركلەرنىڭ ئىچىدە بۇ ئېقىمغا ئەگەشكەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئېنژىنېر، دوختۇر، پروفېسسور…دېگەندەك زىيالى تەبىقىسىدىكى كىشىلەر ئىكەن. ئۇيغۇرلاردىن بۇلارنىڭ كىتاب، لېكسىيەلىرىنى تەرجىمە قىلىپ، تارقىتىۋاتقانلارنىڭ، ئەگەشكۈچىلەرنىڭ خېلى كۆپىيىپ قالغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان. قۇلىقىمغا يەتكەنلىرىگە قاراپ باقتىم. ئۇيغۇرلاردىنمۇ بۇ ئازغۇن ئېقىمغا  ئەگەشكەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى يەنىلا زىيالىلار ئىكەن. دېمەككى، بۇ ھەرگىزمۇ تاسادىپىلىق ئەمەس. ھەدىس ئىنكارچىلىرىنىڭ ئەقىدە – پىكىرلىرىدە زىيالى تەبىقىسىنى جەلپ قىلىدىغان، ئۇلارغا ياقىدىغان، ئاسان قوبۇل قىلالايدىغان مەلۇم ئالاھىدىلىكلەرنىڭ بولۇشى مۇقەررەر. بۇ ھەقتىكى بىر مەزگىللىك ئىزدىنىش، كۈزىتىشلەردىن كېيىن تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىلارنى خۇلاسىلەپ چىقتىم.

  1. ھەدىس ئىنكارچىلىرىنىڭ ئەقىلنى ھەممىدىن ئۈستۈن كۆرۈشى.

نەچچە يىل بۇرۇن ئىزدىنىش مۇنبىرىگە مۇنداق بىر تېما يوللانغان. چەتئەلدە فىزىكا كەسپىدە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغان بىر كىشى دىنىي ئىلىملەر بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ئالغان بىر ئۇستازغا (ھەر ئىككىلىسى ئۇيغۇر) ئۆزىنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمىگەن ئىسلام دىنغا ئالاقىدار بەزى مەسىلىلەرنى سوراپ خەت يازغان بولۇپ، كەلگەن جاۋابلارنى قوشۇپ تېما شەكلىدە مۇنبەرگە چىقارغان. ئۇ دوكتۇر كىشى خېتىدە ئۆزىنى مۇسۇلمان دەپ قارايدىغانلىقىنى، ئەمما، قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان مۆجىزىلەرگە باشقىچە قاراشتا ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان. يەنى ئۇ كىشى بۇ دۇنيادىكى ھەر قانداق نەرسىگە ھۆكۈم قىلىشتا ئىلىم – پەننى ئۆلچەم قىلىش كېرەك، ئىلىم – پەنگە زىت ھادىسىنىڭ يۈز بېرىشىنى ئەقىل قوبۇل قىلماسلىقى كېرەك دەپ قارايدىكەن. مەسىلەن: ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاتىسىز تۇغۇلىشىنى كىلون تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ چۈشەندۈرۈش ئىمكانىيىتى بار ئىكەن، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈپ، ئەمالارنىڭ كۆزىنى ئېچىشىنى تىبابەت نۇقتىسىدىن چۈشەندۈرۈش ئىمكانىيىتى بار ئىكەن. ئەمما ئاي يېرىلىشقا ئوخشاش ئىلىم – پەن بىلەن چۈشەندۈرۈش ئىمكانىيىتى بولمىغان ھادىسىلەرنى قوبۇل قىلالمايدىكەن، ئىشەنمەيدىكەن. قاراپ باقساق، ئەمەلىيەتتە ئۇ كىشىنىڭ ئىمان كەلتۈرگىنى ئىسلام ئەمەس، بەلكى ئىلىم – پەن ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. گەرچە كۆپىنچە زىيالىلىرىمىز بۇ دەرىجىدە ئاشقۇن پىكىر قىلمىسمۇ، ئەمما بۇ مىسال زىيالىلارنىڭ قانداق تەپەككۇر قىلىدىغىنىنى مەلۇم دەرىجىدە يورۇتۇپ بېرىدۇ. يەنە بىر مىسال كەلتۈرسەك، بىرسى كېلىپ ”مۇسۇلمانلار نېمە ئۈچۈن چوشقا گۆشى يېمەيدۇ؟“ دەپ سوئال سورىسا زىيالى“چۈنكى چوشقا مەينەت ھايۋان، مۇنداق، مۇنداق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغاچقا ھارام دەپ يېمەيمىز“ دەپ جاۋاب بېرىشى، موللا ياكى تالىپ كىشى بولسا ”ئاللاھ ھارام قىلغانلىقى ئۈچۈن يېمەيمىز“ دەپ جاۋاب بېرىشى مۇمكىن. بۇ مىسالمۇ ئەھلى ئىلىم بىلەن زىيالىلارنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلىدىكى پەرقنى قىسمەن كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.

قىسقارتىپ ئېيتساق، ئۇيغۇر زىيالىلىرى ماتېرىيالىزىمچە تەپەككۇر قىلىدىغان قىلىپ تەربىيەلەنگەن. مەسىلىلەرگە ھۆكۈم قىلغاندا ”ئىلمىي ئاساسىي بارمۇ؟ مەنتىقىگە ئۇيغۇنمۇ؟“ دېگەنلەرنى بەكرەك ئويلىشىدۇ. گەرچە بۇ خىل ھۆكۈم قىلىش ئۇسۇلىدا مەسىلە بولمىسىمۇ، چېكىدىن ئاشقاندا غەيىب مەسىلىلىرى، ئاللاھنىڭ مۆجىزىلىرى كاللىسىدا تۈگۈنچە پەيدا قىلىدۇ. چۈنكى بۇ ھادىسىلەرنى ئىلىم – پەن بىلەن چۈشەندۈرۈش مۇمكىن ئەمەس. گەرچە ئاللاھقا ئىمان كەلتۈرگەن بولسىمۇ، يۇقىرىقىدەك بەزى مەسىلىلەردە يەنىلا سەل ئويلىنىپ قالىدۇ. بولۇپمۇ ھەدىسلەردە تىلغا ئېلىنغان مۆجىزىلەرگە تېخىمۇ زور جۈرئەت بىلەن گۇمانىي نەزەردە قارىيالايدۇ.

ھەدىس ئىنكارچى خوجىلار بولسا، بۇ مەسىلىدە ئىككىلىنىپ ئولتۇرمايدۇ. پەيغەمبىرىمىزگە كەلگەن مۆجىزىلەر ئاساسەن ھەدىسلەردە تىلغا ئېلىنغاچقا، شۇ تۈردىكى ھەدىسلەرنى ئىككىلەنمەي ئىنكار قىلىدۇ. مەسىلەن: مىراج كېچىسىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر بىر قىسىم زىيالىلارغا خۇددى رىۋايەتتەك ئاڭلىنىدۇ. چۈنكى نۇر تېزلىكىدىنمۇ تېز سۈرئەتتە يۈرۈش، نەچچە قات ئاسماننى كېسىپ ئۆتۈش…لەرگە كىشىنىڭ ئەقلى قانداقمۇ يەتسۇن؟ ھەدىس ئىنكارچىلىرى بولسا بۇ ھەدىسلەرنى ئىككىلەنمەي ئىنكار قىلىدۇ. ”ئەقىل قوبۇل قىلمىغان ئىكەن بۇ ھەدىس يالغان، مىراج دەپ بىر ۋەقەلىك مەۋجۇت ئەمەس“ دەپ داۋراڭ قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ قارىشىنى ئاڭلىغان زىيالىلار بولسا ”كاللامدىن ئۆتمىگىنى بىكار ئەمەس ئىكەن“ دەيدۇ – دە، بۇ ئازغۇنلۇقنىڭ بۇسۇغىسىغا قەدەم تاشلايدۇ.

بۇ يەردە كاللىمىزغا بىر سوئال پەيدا بولىدۇ، ئىلىم – پەن بىلەن ئىسپاتلاش مۇمكىن بولمايدىغان ئاللاھنىڭ مۆجىزىلىرى قۇرئاندىمۇ كۆپلەپ تىلغا ئېلىنغان تۇرسا، ھەدىس ئىنكارچىلىرى بۇلارنى قانداق چۈشەندۈرىدۇ؟ جاۋابى ناھايىتى ئاددىي. ئەقىلنى نەقىلدىن ئۈستۈن كۆرگەن ئىكەن، ئايەتلەرنىمۇ ئەقلىگە بويسۇندۇرۇشقا تىرىشىدۇ، يەنى بۇرمىلاپ تەپسىر قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ئۇلارنىڭ ھەدىس ئىنكارچىلىقىنىمۇ بېسىپ چۈشىدىغان ئەڭ چوڭ ئازغۇنلىقلىرىدىن بىرىدۇر. مەسىلەن: ئاي يېرىلىش مۆجىزىسى ئۇلارنىڭ ئەقلىگە سىغمىغانلىقى ئۈچۈن، مۇناسىۋەتلىك ئايەتنى بۇرمىلاپ تەپسىرلەيدۇ. يەنى «بۇ ئىش بولۇپ باقمىغان، ئاللاھ تائالا بۇنى قىيامەتتە يۈز بېرىدۇ دېمەكچى» دەيدۇ(ئايەتتە ئېنىق ئۆتكەن زامان شەكلىدە كەلسىمۇ). نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ مىڭ يىل ئۆپچۆرىسىدە ئۆمۈر كۆرۈشىنى ئەقلى قوبۇل قىلالمايدۇ، شۇڭا «بۇ ئايەتتىكىسى 950يىل دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى 30 – 40 يىلدەك ئۇزۇن بىر مۇددەتنى كۆرسىتىدۇ» دەيدۇ. جىنلارنىڭ سۇلايمان ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىبادەتخانىسىنى ياساپ بېرىشىنى ئەقلى قوبۇل قىلالمايدۇ. شۇڭا ”ئۇلار جىنلار ئەمەس، بەلكى جىنلاردەك ئىشقا ماھىر ئىنسانلار“ دەيدۇ.  بۇرمىلاش ئىمكانىيىتى پەقەتلا يوق مۆجىزىلەرگە بولسا ئامالسىزلىقتىن سۈكۈت قىلىدۇ.

بىر قىسىم زىيالىلارنىڭ كاللىسىدىن ئۆتمىگەن يۇقىرىقىدەك مەسىلىلەرنى ھەدىس ئىنكارچى خۇجىلار ئەنە شۇنداق تەپسىرلەپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ كاللىسى ۋاللىدە يورۇيدۇ – دە، بۇ ئازغۇن خۇجىلارنى ھەقىقىي ئىلىم ئەھلى دەپ تونۇيدۇ.

بىز ئۇيغۇرلار دىنسىز بىر مائارىپتا تەربىيلىنىپ چىقتۇق. مۇتلەق كۆپ قىسىم كىشىلەر قىممەت قارىشىنى، توغرا – خاتالىق ئۆلچىمىنى، گۈزەللىك ئۆلچىمىنى ئىسلامدىن ئەمەس، بەلكى ياتلاردىن، بولۇپمۇ غەرب مەدەنىيىتىدىن قوبۇل قىلدى. جۈملىدىن زىيالىلىرىمىز تېخىمۇ شۇنداق بولدى. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا نامىمىز مۇسۇلمان، ئەقلىيىتىمىز ماددىزىمچىلارنىڭ ئەقلىيىتى بولدى. ئەمما بۇ ئۆلچەملەرنىڭ قۇرئان – ھەدىستىكى بىر قىسىم جايلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قالىدىغىنى ئېنىق. مەسىلەن: پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئائىشە ئانىمىز بىلەن توققۇز ياشتا نىكاھلىنىشىدەك ئىسلامنىڭ ئەڭ ئەشەددىي دۈشمەنلىرىمۇ بىر نەرسە دېيەلمىگەن مەسىلىلەرنى ئىنكارچى خوجىلار قوبۇل قىلالمايدۇ – دە، بۇ ھەقتىكى ھەدىس، سىيرەتلەرنى تامامەن ئىنكار قىلىدۇ. يەنە مىسال كەلتۈرسەك، ئاللاھنىڭ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا ئوغلى ئىسمائىل ئەلەيھىسسالامنى قۇربانلىق قىلىشقا بۇيرۇشى، ھەممە ئىشلارنىڭ ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولۇشى يەنى تەقدىر …دېگەندەك مەسىلىلەر ئەشۇ زىيالىلارغا مەنتىقىسىز تۇيۇلىدۇ. ئىنكارچى خوجىلار بولسا ”ئاللاھنىڭ ئۆز پەيغەمبىرىگە ئوغلىنى ئۆلتۈرۈشكە ئەمىر قىلىشى قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن، بۇ پەقەت چۈشىدە كۆرگەن بىر ئىش، ئاللاھ ھېچقاچان ئۇنداق ئەمىر قىلمىغان“ دەپ ئايەتلەرنى بۇرمىلايدۇ. تەقدىر مەسىلىسى ھەققىدىكى ھەدىسلەرنى تامامەن ئىنكار قىلىدۇ. «ئاللاھ يارىتىدۇ، ئەمما ئارىلاشمايدۇ» دەپ دەۋا قىلىدۇ. بۇ جۆيلۈمىلەر ئەگەشكۈچىلىرىگە تولىمۇ مەنتىقىلىق تۇيۇلىدۇ.

دېمەك، ئاللاھقا ئىمان ئېيتتتۇق دەيدىغان، ئەمما ئەقلىگە زىيادە بېقىنىپ قالغانلىقتىن نۇرغۇن مەسىلىلەرگە تولۇق ئىمان كەلتۈرۈپ بولالمايۋاتقان ئەشۇ بىر قىسىم زىيالىلارغا ھەدىس ئىنكارچى خوجىلار يېڭى بىر تاللاش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئازغۇن يولىدا ئىككىلەنمەي مېڭىپ كېتىۋاتىدۇ.

2.ھەدىس ئىنكارچىلىرىدىكى ئىلمانىلىق(لائىكلىك).

يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەندەك كۆپىنچە زىيالىلىرىمىز قىممەت قارىشىنى ئىسلامدىن ئەمەس، بەلكى غەربتىن ئالغان. جۈملىدىن سىياسى مەيدانىمۇ شۇنداق. كۆپ ساندىكى زىيالىلىرىمىزدىكى مۇھىم ئورتاقلىقنىڭ بىرى شۇكى، دىن بىلەن ھاكىمىيەت ئايرىلغان ئىلمانىي تۈزۈمنى، غەربنىڭ ئاتالمىش دېمكوراتىيە تۈزۈمىنى ئالاھىدە چوڭ بىلىدۇ. بۇلارنى ھازىرغىچە بىلىنگەن ئەڭ ئىلغار تۈزۈم دەپ قارايدۇ. شەرىئەت دېسە خۇددى كومۇنىزىمدەك خىيالى بىر ئۇقۇم ياكى مۇستەبىت بىر ھاكىمىيەت كۆز ئالدىغا كېلىدۇ. بۇنداق خاتا چۈشىنىشنىڭ سەۋەبى بەلكىم زىيالىلىرىمىزنىڭ شەرئىي ھاكىمىيەتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىدىن خەۋەرسىز قېلىشى ياكى تەبىئىتى شۇنى خالىغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇزۇن مۇددەت مۇستەبىت ھاكىمىيەتنىڭ زۇلۇمى ئاستىدا ياشاپ كەلگەن كىشىلەر، تەبىئىيلا ئۇنىڭدىن روشەن ئەۋزەل بولغان غەربنىڭ دېموكراتىك تۈزۈمىگە ئىنتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر دۇنيادا شەرئىي بىر ھاكىمىيەت مەۋجۇت بولمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ خىل تۈزۈمنىڭ قانچىلىك ئەۋزەل ئىكەنلىكىنىمۇ بىلىش ئىمكانىيىتى يوق. شۇڭا ئۆزى مۇسۇلمان، ئەمما شەرىئەتنى خالىمايدىغان ياكى ئېتىراپ قىلمايدىغان بىر ۋەزىيەت شەكىللىندۇ.

زىيالىلار بىلەن ئەھلى ئىلىملەرنىڭ، ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقنىڭ يىراق بولۇشىنىڭ مۇھىم سەۋەبىدىن بىرى مۇشۇ مەسىلە دەپ قارايمەن. چۈنكى ئىسلامنىڭ سىياسى تۈزۈلمىسىنى ئېتىراپ قىلماسلىق تەبىئىيلا ئىككى توپنى بىر نىشانغا جەملەشتىن مەھرۇم قىلىدۇ. كۆپىنچە زىيالىلار ”شەرىئەت دەپ بىر تۈزۈم يوق، ئۇ پەقەت ھاكىمىيەتتىكىلەر دىننىڭ نامىدىن پايدىلىنىپ پەيدا قىلغان نەرسە، دىن دېگەن شەخىسنىڭ ئىشى“ دەپ قارايدۇ. شۇڭا كۈچىنىڭ بېرىچە ئىسلام دىنى بىلەن ئىلمانىيلىقنىڭ ھېچبىر زىت كەلمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا گۈلەننىڭ بىر قىسىم يازمىلىرى بىلەن يۈسۈپجان ياسىننىڭ «قۇتادغۇبىلىك لائىكلىققا دالالەت قىلىدۇ» دېگەن جۆيلىمىلىرىگە ئوخشاش بىر قىسىم ماقالىلىرىنى مىسال كەلتۈرۈشىمىز مۇمكىن.(بۇ يەردە ئۇلارنى ھەدىس ئىنكارچىسى دېمەكچى ئەمەسمەن، پەقەت زىيالىلارنىڭ تۇتقان مەيدانىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن مىسال كەلتۈرۈلدى، خاتا چۈشىنىلمىگەي).

دېمەك، «شەرئىي ھاكىمىيەت» ئۇقۇمى كۆپ قىسىم زىيالىلار قوبۇل قىلالمايۋاتقان، ئەھلى ئىلىملەرمۇ ئۇلارنىڭ نەپسى خالىغاننى دېمەيۋاتقان بىر مەسىلە. بۇنداق بىر ۋەزىيەت ئاستىدا ھەدىس ئىنكارچىلىرىنىڭ ”ئىسلام دىنى ھاكىمىيەتكە ئارىلاشمايدۇ، خەلىپىلىك پەقەت شۇ دەۋردىكى ساھابىلەرنىڭ ئىجتىھادى، ئىسلامدا خەلىپىلىك يوق، شەرىئەت تۈزۈمى مۇستەبىت ھاكىمىيەتتىكىلەرنىڭ خەلقنى قايمۇقتۇرۇش ئۈچۈن دىن نامىدىن پايدىلىنىپ پەيدا قىلغان نەرسىسى…“ دېگەن سەپسەتىلىرى يۇقىرىقىدەك بىر قىسىم زىيالىلارنى ئۆزىگە تارتىدۇ. ئۆزىنىڭ سىياسىي مەيدانى بىلەن دىنىنى «ياراشتۇرۇپ» قويغان بۇ خوجىلارغا تېخىمۇ مەھكەم ئېسىلىدۇ.

تۈركىيەدىكى ھەدىس ئىنكارچىلىرىنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكى بۇلارنىڭ ھازىرغىچە ھېچ توسقۇنسىز تارقىلىپ، تەسىر دائىرىسىنى خاتىرجەم كېڭەيتىپ كېتىۋاتقانلىقىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن.

3.ھەدىس ئىنكارچىلىرىنىڭ نىسبەتەن مۆتىدىل بولۇشى.

ھەدىس ئىنكارچىلىرى ھەققىدىكى يازمىلارنىڭ ئوقۇيدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ يەنە تۈرلۈك پىرقىلەرگە بۆلۈنىدىغانلىقىنى، ئازغۇنلۇق دەرىجىسىنىڭ پەرقلىنىدىغانلىقىنى بايقايمىز. بىر تەبلىغدە ئاڭلىشىمچە بۇلارنىڭ ئەڭ ئازغۇنلىرى ھەتتا نامازنىمۇ ئىنكار قىلىدىكەن. قۇرئاندا كەلگەن «صلاة» كەلىمىسىنى ئات چاپتۇرۇش دەپ تەپسىرلەيدىكەن. ئەمما تۈركىيەدىكى ھەدىس ئىنكارچىلىرى بولسا بۇلارغا قارىغاندا نىسبەتەن مۆتىدىل يولنى تاللىغان، گەرچە ئوخشاشلا ئازغۇن بىر پىرقە بولسىمۇ، ئەمما يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەنلەردىن يەنىلا پەرقلىنىدۇ.

بۇلارنىڭ خوجىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ھەدىس ئىنكار قىلمايدىغانلىقىنى، پەقەت ئويدۇرما ھەدىسلەرگە قارشى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلىشىدۇ. شۇڭلاشقا بۇلارمۇ ناماز ئوقۇيدۇ، روزا تۇتىدۇ، زاكات بېرىدۇ. ئەمما بۇلار ھەدىسلەرنى نەپسىگە ئۇيغۇن كېلىش – كەلمەسلىكىگە ئاساسەن تاللايدىغان بولغاچقا، يۇقىرىقى سۆزلىرى پەقەت گەپ ئوينىتىشتىن، كۆز بويامچىلىقتىن باشقا ئىش ئەمەس. شۇنداقتىمۇ ئۇلارنىڭ بۇ سۆزى ئەگەشكۈچىلىرىنى خاتىرجەم قىلىشقا، قايىل قىلىشقا، مايىل قىلىشقا يېتىپ ئاشىدۇ.

  1. ئاۋامنى دىنغا قورقماي ئارىلىشىشقا قىزىقتۇرۇش.

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، قۇرئان كەرىمنىڭ ئەڭ نوپۇزلۇق تەپسىرى ھەدىسلەردۇر. ھەدىسلەر ئىنكار قىلىنغان چاغ – دەل قۇرئان كەرىم توغرىسدا نەپسى – خاھىشى بويىچە سۆزلەشنىڭ باشلانغان چېغىدۇر. شۇڭلاشقا ئىنكارچى خوجىلار ئاۋۋال ھەدىسنى ئىنكار قىلىۋېتىپلا، ئارقىدىن ئۆزىنىڭ ئاجايىپ – غارايىپ تەھلىللىرى بىلەن ئايەتلەرنى ئۆزى دېگەن يەرگە ئاپىرىدۇ. شۇنداقلا ئاۋام – خەلقنىڭمۇ تەرجىمە قۇرئاننى ئوقۇپلا، چۈشەنگىنىچە ھۆكۈم ئېلىپ مېڭىشىغا دالالەت قىلىدۇ. ئۇيغۇرلارغا قارايدىغان بولساق، نەچچە ۋاقىتتىن بېرى دىنىي ساھەگە قول تىقىپ باقمىغان كىشىلەر ئاز قالغان. دوختۇر، تارىخشۇناس، يازغۇچىدىن تارتىپ ھەممىسى ئۆز ئالدىغا پەتىۋا پىچىپ باققان ئەھۋاللار جىق. ئىنكارچى خوجىلار بولسا ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى تاپقاندەك ئاۋامنىڭمۇ دىنىي مەسىلىلەردە خالىغانچە سۆز قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇلار مۇنداق ئىككى يول بىلەن ئاۋام – خەلق بىلەن ئۆلىمالار ئوتتۇرىسىدا ھاڭ پەيدا قىلغان. بىرسى ئۆلىمالارغا تۆھمەت چاپلاش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ نوپۇزىنى تۆۋەنلىتىش، خەلقنىڭ كۆڭلىدىكى ئىشەنچىنى يوققا چىقىرىپ شۈبھە پەيدا قىلىش. مەسىلەن: ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ پادىشاھتىن قورقۇپ، زالىم پادىشاھقا قارشى تۇرۇش توغرىسدىكى ھەدىسلەرنى مۇسنەدتىن چىقىرىپ تاشلىغان…دېگەندەك.

يەنە بىرى قۇرئان كەرىمنى ھەرقانداق كىشىنىڭ تولۇق چۈشىنىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىش. ئۇلار قۇرئان كەرىمدىكى «روشەن ئايەتلەرنى نازىل قىلدۇق» دېگەن ئايەتنى تۇتۇۋېلىپ، يۇقىرىقى قارىشىنى بازارغا سالىدۇ ۋە «ئۆلىمالارنىڭ مەقسىتى دىننىي مونوپۇل قىلىۋېلىش» دەپ داۋراڭ سېلىشىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ سەپسەتىسىگە ئامېرىكىلىق شەيخ نۇئمان ئەلىخاننىڭ تۆۋەندىكى سۆزى يېتەرلىك رەددىيە بولىدۇ:« قۇرئاننىڭ بىرلا يېرىدىن باشقا ھېچ يېرىدە ”قۇرئاننى ئاسان قىلىپ نازىل قىلدۇق“ دەپ كەلمىگەن، ئۇ بىر يېرىدىمۇ پەقەت يادلاشقا ئاسان دەپ كەلگەن. باشقا ئايەتلەردە بولسا ”روشەن“ دەپ كەلگەن. روشەن دېگەن ھەممە ئادەم تولۇق چۈشىنىدۇ دېگەنلىك ئەمەس. مەسىلەن فىزىكا، ماتېماتىكىدىكى تېئورما، فورمۇلالارمۇ روشەن، ئېنىق. ئەمما شۇ ئىلىمنىڭ ئەھلىدىن باشقىلار تولۇق چۈشىنىپ بولالمايدۇ»

دېمەك ئىنكارچى خوجىلار يۇقىرىقىدەك ۋاستىلەر ئارقىلىق ئەگەشكۈچىلىرىنى دىن ئىشىغا دادىل ئارىلىشىشقا دەۋەت قىلىدۇ. بۇمۇ دەل بىر قىسىم زىيالىلارنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىققان.

ئۆتكەندە ت ر ت قانىلىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئەبۇبەكرى سىفىل خوجا بىلەن ھەدىس ئىنكارچىسى جانەر تاسلاماننىڭ مۇنازىرىسىنى كۆرۈۋېتىپ، جانەر  تاسلاماننىڭ ئەرەبچە بىلمەيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ھەيرانلىقتا ئېغىزىمنى ئېچىپ قالدىم. دىنىي ئىلىم ئېلىش ئۈچۈن ئەرەب تىلىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە مۇھىم ئىكەنلىكى ئارتۇق چۈشەندۈرۈپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. ئەقەللىيسى شەرقشۇناسلار چېغىدا ئەرەب تىلىنى پىششىق ئۆگىنىپ، دىنىي ئىلىملەرنى تولۇق ئىگىلەپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن دۈشمەنلىك خىزمىتىنى باشلايدۇ. ئەمما بۇلار دىن ھەققىدە ئېغىز ئېچىشتا شۇنچىلىك قاپ يۈرەك، شۇنچىلىك نومۇسسىز دەرىجىگە يەتكەن.

  1. ئەمەل – ئىبادەتلەرنىڭ يېنىكلىتىلىشى.

ھەدىسنى ئىنكار قىلماق – پەيغەمبىرىمىزنىڭ نۇرغۇن گۈزەل سۈننەتلىرىنى، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، تۈرلۈك ئىبادەت شەكىللىرىنى ئىنكار قىلماقتۇر. ھەدىسلەردە كۆرسىتىلگەن ئىبادەتلەر دىنىمىزدا خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. بۇلارنى ئىنكار قىلغان خوجىلار ئەمەل – ئىبادەتلەر سەل ئېغىر كېلىدىغان، بەزى سۈننەت، مۇستەھەپلەرنى قىلىش تۈگۈل، قوبۇل قىلىپ كاللىسىدىن ئۆتكۈزۈشىمۇ تەسكە توختايدىغان ئەشۇ بىر تۈركۈم ئەگەشكۈچىلىرىگە ئۇلارنىڭ نەپسىگە ئۇيغۇن بىر دىننى سۇنىدۇ. بۇنىڭغا ساقال ۋە نىقاپ(ئاياللارنىڭ يۈزىنى يۆگىشى) تىپىك مىسال بولالايدۇ. يۇقىرىدا ئېيتىلغاندەك قىممەت قارىشى ۋە گۈزەللىك قارىشىنى ئىسلامدىن ئەمەس ياتلاردىن قوبۇل قىلغان بىر قىسىم زىيالىلارغا ساقال، نىقاپتەك ئەمەللەر ئەزەلدىن مۈشكۈل ۋە زىيادە بىر ئىش بولۇپ تۇيۇلۇپ كەلگەن. ئەھۋال شۇنداق تۇرسا ئۇلارنى بۇ «ئېغىر يۈك»لەردىن قۇتۇلدۇرغان ئەشۇ خوجىلارغا ئەگەشمەي كىمگىمۇ ئەگەشسۇن؟!

  1. تەشۋىقاتتىكى ئەۋزەللىك.

تەشۋىقاتنىڭ كۈچىنى بىز ئۇيغۇرلاردەك ئېنىق ھېس قىلالىغان باشقا كىشىلەر يوق بولسا كېرەك. تۈركىيەدىكى ھەدىس ئىنكارچىلىرىغا قارايدىغان بولساق، ھەربىر ئىنكارچى خوجىنىڭ دېگۈدەك ئايرىم ۋەقپىلىرى بار. ئىجتىمائىي ئالاقە ھېساباتلىرى توختىماي خىزمەت قىلىقلىق. ھىلال  تېلىۋىزۇر قانىلىغا ئوخشاش ئايرىم بىر تېلىۋىزور قانىلىمۇ بار. ھەتتا ت ر ت قاناللىرىمۇ بۇلار ئۈچۈن سائەت – سائەتلەپ سۆھبەت ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىدۇ. كىتابلىرىنىمۇ دەخلىسىز نەشر قىلىپ تارقىتالايدۇ. چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار  بولۇپمۇ، زىيالىلار ئارىسىدا ھەدىس ئىنكارچىلىرىنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىگىمۇ بۇلارنىڭ، تەشۋىقاتنىڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشى مۇھىم سەۋەب بولغان. مەسىلەن: تۈركىيەدىكى ھەدىس ئىنكارچىلىرىنىڭ غوللۇق شەخىسلىرىدىن بىرى بولغان ئابدۇلئەزىز باياندىرنىڭ سۇلايمانىيە ۋەقپىغا تەۋە «مۇسۇلمانلار تورى»نىڭ ئۇيغۇرچە بېتى ۋەتەندە ئەڭ ئاخىرىدا تاقالغان دىنىي تور بەتلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ھېسابلاپ باقساق ئالدى – كەينى بولۇپ 6 -7  يىلدەك داۋاملىشىپ، مەلۇم ساندىكى كىشىلەرنى ئازدۇرغان، ھېچ بولمىسا كاللىسىنى قالايمىقان قىلالىغان بولدى. چەتئەلدە بولسا ھازىرمۇ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ.

يېقىندا نەشىردىن چىققان ئەنەس ئالىمنىڭ «قۇرئان كەرىمنىڭ ئىزاھاتلىق تەرجىمىسى» دېگەن كىتابىمۇ، يەنە شۇ يۇقىرىدىكى سۇلايمانىيە ۋەقپى تەرىپىدىن نەشىر قىلىپ تارقىتىلدى. دېمەك ئۇيغۇرلاردىكى ھەدىس ئىنكارچىلىرىنىڭ غوللۇق شەخسلىرى، تۈركىيەدىكى بۇ ئازغۇن جامائەتنىڭ بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك ياردىمىدە خىزمىتىنى خاتىرجەم داۋام قىلىۋاتىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا ئۇيغۇرلاردىكى بۇ ئېقىمنىڭ غوللۇق ئەزالىرىدىن بىرى، ھەممىگە تونۇشلۇق ئابدۇلئەزىز بەشتوغراقمۇ مۇستافا ئىسلام ئوغلىنىڭ بىر نەچچە كىتابىنى تەرجىمە قىلىپ، نەشر قىلدۇردى. فېيسبۇك، يۇتۇبلاردا بۇ ھەقتىكى نەچچە يۈزلىگەن دەرسلىكلەرنى  تارقاتتى. يەنە نەشرىيات قۇرغانمۇ بولدى. دېمەك بۇندىن كېيىن كىتابلىرىنى بېسىپ – تارقىتىش تېخىمۇ ئاسانلاشتى دېگەن گەپ.

كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان يېرى شۇكى، چەتئەلدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر ئۆلىمالىرىمىزنىڭ بۇلارغا قارشى خىزمەتلىرى يوقنىڭ ئورنىدا بولۇۋاتىدۇ. ئاددىسى، يۇتۇبقا قاراپ باقايلى، ئەشۇ بىر ھەدىس ئىنكارچىسىنىڭ چىقارغان سىنلىرى، ئۆلىمارلار چىقارغان بارلىق سىنلاردىن ئېشىپ كېتىدۇ دېسەم بەلكىم خاتا ئەمەستۇر. قانۇنىيەت شۇ، كىم بەكرەك تىرىشىدىكەن، ئەۋزەل نەتىجە شۇنىڭ بولىدۇ. يەنە بىر مىسال ئالساق، ئەنەس ئالىم تەرجىمە قىلغان قۇرئان كەرىم تەرجىمىسى نەشىر قىلىنغىلى يېرىم يىل بولۇپ قالدى، يۇتۇبقا ئاۋازلىق نۇسخىسى يوللىنىپ بولغىلىمۇ نەچچە ئاي بولدى. ئەمما ئۆلىمالىرىمىز بۇ كىتاب ھەققىدىكى گۇمانلارغا تېخىچە بىر ئېغىز گەپ قىلىپ باقمىدى. ئاڭلىساق ھازىرغىچە تەكشۈرۈپ باھالاۋېتىپتىمىش…دېمەك بۆرىنىڭ ئەلپازى يامان، ئەمما پادىچى بىغەم، قويلار بىر-بىرلەپ يەم بولۇۋاتقان.

يۇقىرىقىلار مەن يەكۈنلەپ چىققان نۇقتىلاردۇر . ئەمدىكى مەسىلە شۇكى، ئۆزىمىزنى ئەھلى سۈننى ۋەلجامائە دەپ ھېسابلاب كېلىۋاتقان بىزلەر ئىسلامنىڭ يەنە بىر قانىتى بولغان ھەدىسلەرنى قىرقىماقچى بولغانلارغا قارشى نېمە ئىشلارنى قىلالايمىز؟

مەنچە، ئالدى بىلەن قىلىدىغان ئىشىمىز بۇلار ھەققىدىكى ماتېرىياللارنى، بولۇپمۇ تۈرك خوجىلارنىڭ رەددىيەلىرىنى كۆرۈپ تۇرۇش، شۇ ئارقىلىق بۇلارنىڭ تەشۋىقاتلىرىغا ئۇچراپ قالساق كەسكىن رەت قىلالىغۇدەك زېھىن ھازىرلاش لازىم. ئىككىنچىدىن ئەتراپىمىزدىكىلەرنى ھەر ۋاقىت بۇلاردىن ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرۇش، ئۇلارنىڭ ئەپتى – بەشىرىسىنى ئېچىپ بېرىش لازىم.  ئۈچىنچىدىن بۇلارنىڭ تىرىشچانلىقىدىن ئۈلگە ئېلىشىمىز، بۇلاردىنمۇ ئاشۇرۇپ تىرىشىشىمىز كېرەك. چۈنكى بىز يەنە بىغەم يۈرىۋەرسەك كۈنلەرنىڭ بىرىدە ۋەتەننىڭ دەرۋازىسى ئېچىلىپ قالغۇدەك بولسا، بۇلار توم – توم كىتابلارنى، نەشرىيات – ستۇدىيەلىرىنى، تەرجىمە – خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنى ئۆشنىسىگە ئارتىپ، بىزنى ئارقىغا تاشلاپ كىرىپ كېلىشى مۇمكىن.

ھازىرنىڭ ئۆزىدە قىلالايدىغان ئىشىڭىز بولسا، بۇ يازمىغا ياقتۇرۇش بەلگىسىنى بېسىپلا قويماي، ھەمبەھىرلەپ قويۇشىڭىزدۇر، ئەلۋەتتە سىزمۇ يۇقىرىقى پىكىرلەرگە قوشۇلغان ۋە بۇ يازمىنى قىممىتى بار دەپ قارىغان بولسىڭىز.

2017.9.11    خەزىنە

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>