باش بەتكە قايتىڭ » ماقالىلار » غۇلجىدىكى يېڭى مائارىپ جەدىدچىلىك ھەركىتىگە بىر نەزەر
غۇلجىدىكى يېڭى مائارىپ جەدىدچىلىك ھەركىتىگە بىر نەزەر

غۇلجىدىكى يېڭى مائارىپ جەدىدچىلىك ھەركىتىگە بىر نەزەر

ھەبىبۇللا ئابلىمىت (گىرمانىيە)

بىلىم ئىنسان ئۈچۈن ياخشى زامانلاردا بىر بايلىقتۇر، ناچار زامانلاردا قوغدىغۇچى ۋە بىر يول كۆرسەتكۈچىدۇر.
– ئارىستوتىل

غۇلجىدىكى يېڭى مائارىپ ھەركىتى يەنى جەددىچىلىك بولسا ئانا ۋەتىنىمىزدە بىرىنجى بولۇپ باشلانغان جاي ھېساپلىنىدۇ.19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا غۇلجا دىيارىدا مائارىپپەرۋەر زىيالىلار تەرىپىدىن يېڭى مائارىپنى يولغا قويغان مەكتەپلەر ئېچىلىشقا باشلىغان. مانا بۈگۈنكى كۈندە غۇلجا شەھرىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ %90بولسا ئاشۇ دەۋىردىكى مائارىپ سۆيەر مېھنەتكەش پىداكار ئۇيغۇر خەلقى تەرپىدىن قۇرۇلۇپ رەسمىي زامانغا لايىق ئىلغار مائارىپنى يولغا قويغان.
يۈننەنلىك ياڭزىشىڭ ۋەتىمىزدە 1912-يىلىدىن 1928-يىلىغىچە بولغان 17 يىل جەريانىدا، جاھىلىيەت، خۇراپاتلىققا ئۈندەپ، ئىلغار پىكىرلىك كىشىلىرىمىزنى ئۆلتۈرۈپ، پۈتۈن ئانا يۇرتتا زوراۋانلىق بىلەن ھۆكۈم سۈرگەن زامانلاردا ئىدى. ئۇ چاغلاردىكى مۇستەبىت ھۆكۈمەت تەرىپىدىن، ئۆز مەنپەئەتنى چىقىش قىلىپ ئاچقان، خەنچە ئۆگىتىدىغان «شۇتاڭ»دېگەن مەكتەپتىن باشقا پەننى مەكتەپ يوق ئىدى.مانا مۇشۇنداق مۈشكۈل زامانلاردا غۇلجا خەلقى يېڭىلىققا ئىنتىلىپ، يېڭى مائارىپنى يولغا قويۇپ، مەكتەپ سېلىشتەك ئۇلۇق ئىشلارنى يولغا قويغان.
شۇ چاغلاردىكى جەددىچىلىك ھەركىتىنىڭ پىشۋالىرىدىن بىرى بولغان مۇتتەئەلى كامال خەلپىتىم 1895-يىلى يەركەنىتتىن غۇلجىغا كېلىپ، دۆڭ مەلىدە ئېلى باي مىجىتنىڭ يېنىغا مەكتەپ ئاچىدۇ. شۇ يىلى يەنە كېنجەئاخۇن، ياقۇپئاخۇنلارئۈچ دەرۋازىدا مەسچىت سېلىپ ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي مەسچىتنىڭ ئارقا تەرىپىگە ئاستى ئۈستى تاختايلىق مەكتەپ بىناسى سېلىنىدۇ.
1924-يىلى غۇلجىدا يېڭى مائارىپنى يولغا قويۇشتا تولىمۇ جۈرئەت قىلغان ھېسۇھا داموللام مىسىرنىڭ ئەزھەر ئۇنۋېرسىتىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، مىسىردىن ئېلىپ قالغان ماتىرىياللار ئاساسىدا غۇلجىدىكى ئېلىباي مىجىتنىڭ يېنىدا مەكتەپ ئېچىپ ياشلارغا پەننىي دەرسلەرنى ئۆتكەن.جامائەت سورۇنلىرىدا ئۇسۇلى جەددىدىن تەرغىپ قىلىپ، مۇنداق دېگەن:«ئىلىم – پەننى ئۆگۈنۈپ دۇنياغا كۆزىمىزنى ئاچمىساق ، بىزنىڭ ئىنسان ئىكەنلىكىمىزنى ھېچكىم بىلمەيدۇ»دەپ خەلىقىمىزنى خۇراپاتلىقتىن قول ئۈزۈشكە يېڭىلىققا ئىنتىلىشكە دەۋەت قىلغان.
داموللىنىڭ ئازغىنا ۋاقىتتا ئىجدىمائىي تەسىرى كۈچىيىپ، تەلەپكار شاگىرتلىرى كۆپەيدى. غۇلجا شەھىرى ۋە يېزىلىرىدا شاگىرتلار پەيدا بولىدۇ. مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ياشلارنىڭ كۆپىيىشى بىلەن مەكتەپنىڭ يېنىغا قىزلار سىنىپىمۇ ئېچىلىدۇ. داموللامنىڭ ئايالى ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدۇ. مەكتەپتە ھېساپ، تىل-ئەدەبىيات، تارىخ، جۇغراپىيە ۋە تەنتەربىيە دەرىسلىرى ئۆتىلىدى. تۈركىيەدىن كەلگەن مەسۇم ئەپەندىم بۇ مەكتەپكە ھېساپ ۋە تەنتەربىيە دەرسلىرىنى بېرىدۇ. داموللىغا قول-قانات بولىدۇ. ئەپسۇس شۇ چاغلاردىكى مۇستەبىت ھۆكۈمەت ھۆكۈمەت يانتاياق بولغان مۇستەبىت كۈچلەر تەرىپىدىن: دىنىمىزنى بۇزدى، كالتە قۇيرۇقلۇقلار؛ دېگەن بەتناملار بىلەن قارلىنىپ مۇستەبىتلىق ھۆكۈمەتكە چاقىدۇ ۋە شۇ مۇستەبىت قازى – كالاملار تەرپىدىن قاتتىق ئۇرۇلۇپ داموللامنى ناكا قىلىپ قويىدۇ. بۇ خورلۇققا چىدىمىغان داموللام جاغاستاي دېگەن يېزىغا ھىجرەت قىلىدۇ.
1923-يىللىرى ھاشىر رىززاق خەلپىتىم غۇلجىدا يېڭى مائارىپنى يولغا قويدىغان مەكتەپ ئاچىدۇ. ناغرىچىدا ئەسقەر قارىم ۋە مۇراتبەگ قاتارلىق ئىلغار پىكىرلىك كىشىلەر «روشەن» مەكتىپىنى قۇرىدۇ. شۇ يىللاردا يەنە تۈركىيەدە ئوقۇپ كەلگەن تۇرسۇن ئەپەندى، مەسۇم ئەپەندىلەر مەدرىسنىڭ يېنىغا مەكتەپ ئاچىدۇ.
1920-يىلى مۇسابايلارنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاش بىلەن ئابدۇراخمان ئەپەندى، تۇرسۇن ئەپەندى، مەخسۇت سابىرىلار غۇلجا شەھىرىدە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىكى بېرىدىغان يېڭى مائارىپ مەكتىپى ئاچىدۇ. بۇ مەكتەپتە تىل-ئەدەبىيات، ئالگىبىرا، تارىخ، جۇغراپىيە، بوتانىكا دەرسلىرى ئۆتىلىدۇ. بۇ مەكتەپ ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىدا ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىكى ئۆتىلىدىغان بىرىنجى مەكتەپ بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
سوۋىت ئىتتىپاقىلىق شەرقشۇناس ئالىم B-BFartolbitنىڭ بىر ئەسىرىدە مۇنداق يېزىلغان، 1913-يىلىدىن 1920-يىللىرى غۇلجا شەھىرىدە جەددىچىلىك ھەركىتى ئەڭ كۈچەيگەن دەۋىرلەر بولۇپ، غۇلجا شەھىرىنىڭ نوپوسىمۇ كۆپەيگەن ، غۇلجا شەھىرىدە 8 چوڭ مەسچىت بارلىققا كەلگەن، ئونلىغان ئىلغار پەننى دەرسلەر ئۆتىدىغان مەكتەپلەر ۋە ئىككى ئوتتۇرا مەكتەپ قۇرۇلغان. بۇ مەكتەپلەردە يېڭىچە ئوقۇش يولغا قويۇلغان، قىزلار سىنىپلىرىمۇ ئېچىلغان.
دېمەككى شۇ دەۋىرلەردە غۇلجا شەھرى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ يېڭى ئەنئەنىۋى ئېقىم بولغان جەددىچىلىك ھەركىتىنىڭ مەركىزىگە ئايلانغان. 1920-يىللىرى غۇلجىدا ئولتۇردىغان روس ۋە تاتارلارنىڭ سانىمۇ خېلى كۆپ بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەنلەرنىڭ سانىمۇ خېلى كۆپ ئىدى. بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆزلىرىنىڭ يۇرتلىرىدا روس تىلى ئۆگىتىش كۇرۇسلىرىنى ئاچقان بەزىلىرى بوغالتىرلىق ئىلمىدىن دەرسلەرنىمۇ بەرگەن .
ئۇيغۇر يېڭى مائارىپ تارىخىنى ئەسلىگىنىمىزدە، ئۇيغۇر يېڭى مائارىپ نەمۇنىچىلىرىدىن بىرى بولغان ئايخان ئانىنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى زور ئىپتىخار تۇيغۇلىرىمىز بىلەن ئېغىزغا ئالماي تۇرالمايمىز.
ئايخان ئانا 1888-يىلى غۇلجىدا تۇغۇلغان. ئوقۇش يېشىغا يەتكەندە، دىننىي ۋە پەننىي مەكتەپلەردە ئوقۇپ، ساۋادىنى چىقارغان. ئايخان ئانا 1933-يىللىرى دادىسى ۋە يولدىشىدىن قالغان مىراس تەئەللۇقاتلارنى سەرپ قىلىپ، غۇلجىنىڭ قازانچى مەھەلىسىدە مەخسۇس يىتىم باللار ئۈچۈن ئۆزى ئولتۇردىغان ئۆينى قوشۇپ ، جەمئىي 16 ئېغىزلىق بىر مەكتەپ سالدۇرغان بۇ مەكتەپ «غۇلجا خەيرىيەت مەكتىپى»دەپ ئاتالغان. لېكىن كەڭ جامائەت بۇ مەكتەپنى «ئايخان مەكتىپى» دەپ ئاتاشقا ئادەتلەنگەن.
«ئايخان مەكتىپى» بارا-بارا گۈللىنىپ، ئوقۇغۇچىلار سانى 300گە يەتكەن. باللارنىڭ پۈتىن تەمىناتى ئايخان ئانا تەرپىدىن ئۆز ئۈستىگە ئېلىنغان. ئوقۇغۇچى باللارغا بىرخىل ئاقكۆڭلەك، چۆرىسىگە ئاق كەشتە تۇتۇلغان كۆك شىم كەيگۈزىلەتتى. ئوقۇغۇچىلار كوچىغا چىققاندا كىشىلەر بىر قاراپلا «ئەنە ئايخان ئانىنىڭ باللىرى» سۆيۈنۈپ سۆلەپ كىتەتتى.«يىتىملارنىڭ ئانىسى» دەپ نام ئالغان مەرىپەتپەرۋەر ئايخان ئانىنىڭ ئىجدىمائى تەسىرى غۇلجا شەھرىدە ناھايىتىمۇ كۈچلۈك بولغان. شۇ چاغلاردا «ئىلى دەرياسى گېزىتى» ئايخان ۋە ئايخان مەكتىپى توغۇرسىدا نۇرغۇن شېئىر ماقالىلەر ئېلان قىلىنغان. شائىر ئىمىرخان خوجىنىڭ بىر شېرىدا مۇنداق مىسرالار يېزىلغان:
كۆڭلىدە نەپسانىيەتنى ئۆزىدىن جۇدا قىلغان خېنىم،
مەكتىپى خەيرىيەت ئۈچۈن قان پىدا قىلغان خېنىم.
مەرىپەتۋەر ئايخان ئانا تەسىس قىلغان «خەيرىيەت مەكتىپى» ھازىرغىچە 80 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە، بۇ مەكتەپ نەچچە مىڭلىغان ئوغۇل-قىز ئەۋلادلارنى يىتىشتۇردى. مەرھۇم ئايخان ئانا شۇ دەرۋىر ھاكىمىيەت تۈرمىسگە چۈشۈپ، ئېغىر ئازاپ ئىچىدە كېسەل بولۇپ، ئالەمدىن ئۆكتەن بولسىمۇ، لېكىن تۈمەنلىگەن ئەۋلاتلار قەلبىدە مەڭگۈ ياشنايدۇ.
مانا مۇشۇ زامانلاردىكى جەددىچىلىك ھەركىتىنىڭ ئەڭ چوڭ پىشۋالىرىدىن بىرى يەنە ھۆسەيىنبەگ يۈنۈس بولۇپ، 1890-يىلى غۇلجىدىكى ھاللىق مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ھۆسەيىنبەگ ئۆمۈر مەنزىللىرىنى غۇلجىدىكى يېڭى مائارىپ ئۆگۈنۈش بىلەن ئۆتكەزگەن. ھۆسەيىنبەگنىڭ دادىسى يۈنۈسبەگ ئوغلىنى 1906-يىلى تاشكەنىتكە ئوقۇشقا ئەۋەتكەن .
ھۆسەيىنبەگ تاشكەنىتتە روس تىلى ئوقۇغان، شۇنىڭدەك بىر مىللەتنىڭ تىرىكى قىلىشتا مەتبەئەتچىلىكنىڭ (نەشىرياتچىلىق)نەقەدەر مۇھىملىقىنى تونۇپ يىتىپ، قوشۇمچە شۇ كەسىپنى ئۆگىنىش بىلەن شوغۇللانغان . 1918-يىلى ۋەتەنگە قايتىش ئالدىدا مەتبەئەت ماشىنسى، ھەرىپ قويۇش ماشىنسى ۋە بىرنەچچە ھەرىپ قېلىپلىرىنى ئېلىپ كاشىنىيا ئايۋانوڧ دېگەن تېخنىك ئايالنى ئېلىپ كەلگەن. بۇنىڭ بىلەن غۇلجىدا يېڭى مائارىپ مەكتەپلەرگە كېرەكلىك بولغان ئوقۇش ماتېرياللىرى يەنى دەپتەر، كىتاب، ژۇرنال ۋە دەرسلىكلەرنى تەييارلاپ بېسىش ئىشلىرىدا ناھايىتىمۇ زور تۆھبە قوشقان. ئالمۇتادا نەشىر قىلىنغان «سادايى تارانجى»دىگەن ژۇرناللارنى ئەنە شۇ ھۆسەيىنبەگنىڭ مەتبەئەتلىرىدە تەييارلانغان. ھۆسەيىنبەگ يەنە يىتىم يىسىرلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇشنىمۇ ئۇنۇتمىغان. 1924-يىلى ئۈچ دەرۋازىدا ئېچىلغان مەكتەپكە«ئۈمۈد»دېگەن نامنى بېرىدۇ. بۇ مەكتەپنىڭ نەمۇنىلىك مەكتەپ بولىشى ئۈچۈن ھۆسەيىنبەگ ئالاھىدە كۈچ چىقىرىدۇ. 1928-يىلى يىتىم باللار ئۈچۈن مەكتەپنىڭ يېنىغا ئاستى-ئۈستى بەش سىنىپ بىر شىپاخانا سالدۇرىدۇ.
1934-يىلى تەرەققىي پەرۋەر ھۆسەيىنبەگ ۋە تېيىپھاجىم ئىلغار پىكىرلىك مىللەتنىڭ سەرخىللىرى غۇلجىدا ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسى قۇرۇپ چىقىدۇ. چۈنكى بۇدەۋىرلەردە شىڭسىسەي قوي تېرىسىگە ئورۇنىۋالغان بۆرە بولۇپ، سوۋىت ئىتتىپاقىغا ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن، 6 بۈيۈك سىياسىتىنى يولغا قويغان، تەرەققىي پەرۋەر ھۆسەيىنبەگ مۇشۇ سىياسەتلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، غۇلجىدا ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنى قۇرۇپ چىقىدۇ.
ئۇيۇشمىنىڭ رەئىسى ھۆسەيىنبەگ، مۇئاۋىن رەئىسى تېيىپھاجىم، ھەيئەت ئەزالىرىدىن رەھىمجان سابىرھاجى، قاسىمجان قەمبىرى، ئوسمان ناسىروف يەيياروف ۋە زىيا سەمىدىلەر بۇلۇپ سايلىنىدۇ.ئۇيۇشمىنى خەلقكە كەڭ تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن بىر سەنئەت ئۆمىكى تەشكىللەيدۇ. خەلق ئىچىدە كەڭ تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن ۋە كونسىرىت كېچىلىكى قىلىش ئۈچۈن بىر سەنئەت ئۆمىكى تەشكىل قىلىدۇ. بۇ كونسىرىت تەييارلاش ئىشلىرىغا، شۇچاغلاردا غۇلجا خەلقى ئىچىدە نام ئابرويى بار روزى تەمبۇر ئاكا ناھايىتى زور كۈچ چىقىرىدۇ. ئۇيۇشمىغا كېتىدىغان ئىقتىساد راسچوت مەسىللىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كونسىرىت كېچىلىكىگە غۇلجدىكى بايلارنى چاقىرىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بىرقاتار تىزىملىكى تۇرغۇزىلىدۇ، كونسىرىت تەييارلىقى پۈتكەندىن كېيىن غۇلجىدىكى رۇس مەكتىپىنىڭ زالىدا كونسىرىت كېچىلىكى ئۆتكۈزىلىدۇ. كونسىرىتنىڭ بىرىنجى پەردىسى ئومومىي خور بىلەن باشلىنىپ، روزا تەمبۇر ئوتتۇرىسىدا ئىككى چەتتە ھۆسەيىن تەمبۇر ، ئابدۇنەبى، دۇتتاردا ساۋۇت ئاكا بىلەن جامىكام قاتارلىق داڭلىق سازەندىلەرنىڭ ئورۇنلىشىدا بولىدۇ. كونسىرىت ئاخىرىدا ھۆسەيىنبەگ سۆزگە چىقىپ:«قەدىرلىك تاماشىبىنلار، ئەزىز قېرىنداشلار ھەممىمىزگە مەلۇم ئۇيغۇرلار قەدىمىي تارىخقا باي، مەدەنىي مىراسلارغا ئىگە خەلق، بىز ئەمدى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئاشۇ نادىر مىراسلىرىمىزغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئۇنى تېخىمۇ راۋاجلاندۇرۇشقا ھەقلىقمىز. ھەممەيلەن بىرلىكتە كۆپ يىللاردىن بۇيان كۈتكەن ئارزۇ-ئارمانلىرىمىزنى يورۇقلۇققا چىقىرىشقا ھەم ئالغا سۈرۈشكە سەپەرۋەلىك قىلىشىمىز لازىم، ئالدىمىزدا مەكتەپ كۇلۇب بىنالىرىنى سېلىش ۋە كۆپلىگەن ئىشلارنى قىلىش كۈتۈپ تۇرىدۇ، گىمنازىيە بىناسى سېلىشمۇ مۇھىم . بۇ ئىشلار ئۆزىمىزگە مۇناسىۋەتلىك ئالدىمىزدا قول ئىلكىدە بار مەرت مۆتىۋەرلىرىمىز ئولتۇرۇپتۇ. ئەقەللىسى بىز سىلەرنىڭ خەيرخالىقىڭلارغا موھتاج. مەن چوڭ تىجارەتچىمۇ ئەمەس، بايمۇ ئەمەس، شۇنداق بولسىمۇ يېنىمدىكى 50سەر ئالتۇننى بۇ ئىشقا ھەدىيە قىلىمەن» دەيدۇ.
پۈتۈن زالدىكىلەر ئالقىش سادالارنى ياڭراتتى، ئارقىدىن تۇردىئاخۇن باي، سىراجىدىن بايۋەتچە، داللاباي، ياقۇپ باي، سېتىۋالدى بايلارمۇ سۆزگە چىقىپ ئۆز ئاتىغانلىرىنى بېرىپ بۇ ئىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
شۇنداق قىلىپ بۇ كونسىرىت كېچىلىكى ئۇيغۇر ئۇيۇشما بىناسى گېمنازىيە بىنالىرىغا يىتىپ ئاشقۇدەك مەبلەغ توپلاندى. كېيىن ئۇيۇشما ۋەكىللىرى يىغىن ئېچىپ مۇنداق بەش قارارنى ماقۇللىدى:
1-«يېڭى ئېلىپپە» تۈزۈپ چىقىش، ئەدەبىيات ئوقۇش كىتاپلىرىنى نەشىر قىلغۇزۇپ باسقۇزۇش، بۇنىڭ ئۈچۈن شۇ چاغدىكى ئەدىپ شائىرلاردىن ئابدۇۋەلى مۇھەممەدى ئەپەندىنىڭ ھېكايىلىرىنى ۋە ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىنى ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈش، بۇ ئىشلارغا ئابدۇراخمان ئەيسا، قاسىم گۆھەرباقى قاتارلىق زىيالىلارنى مەسئۇل قىلدى.
2- ئالگىبىرا، گېئومېتىرىيە، جۇغراپىيە دەرسلىكلىرى ئالمۇتادا نەشىر قىلىنغان دەرسلىك كىتاپلاردىن ئىجابىي پايدىلىنىشنى بۇ ئىشلارغا مەرۇپ سەئىدىنى مەسئۇل قىلىپ بېكىتتى.
3-مۇئەللىملەر كۇرسى ئېچىش. چۈنكى ئۇ چاغلاردا غۇلجا شەھرىدە مەكتەپلەردە دەرس ئۆتۈش ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان زىيالىلار كەم ئىدى. شۇڭا مۇئەللىملەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۇرس ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بۇ ئىشقا ھاشىر رىزاقى، ئابدۇراخمان ئەپەندى، ئابدۇرېھىم ئەيسا، خېلىل ساتتارى، ئەنۋەر نەسرۇللار قاتارلىق زىيالىلار مەسئۇل قىلىپ بېكىتىلدى.
4-ئۇيۇشما بىناسى پۈتۈشىگە ئۈلگۈرۈتۈپ قويۇش ئۈچۈن «ئانارخان»«نازۇگۇم»قاتارلىق دىرامما ئەسەرلەرنى سەھنىلەشتۇرۇش، بۇنىڭ ئۈچۈن ئارتىسلارنى تەييارلاش، بۇ ئىشلارغا ئۇيۇشما تەشكىلى ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىم قاسىمجان قەمبىرى، رېژىسسور جالالىدىن ياھياروف، قوشۇمچە دىرامما ئەسەرلىرىنى يېزىش ئۈچۈن زىيا سەمىدى، زۇنۇن قادىر قاتارلىقلار مەسئۇل قىلىندى.
5- دىرامما ئەسەرلىرىگە سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق قىلش ئۈچۈن سازەندىلەرنى تىزىملىككە كىرگۈزدى. يەنە ھەسەن تەمبۇر، روزا تەمبۇر، جامىكام، ئابدۇللا دۇمباق، سەيدۇللا ئىسكىروپكا ۋە ھېسامىدىن زىكرى ئېلەتتا قارتارلىقلار. بۇلارغا يېڭى ئاھاڭلارنى ئىشلەش ۋە شېئىر قوشاقلارنى رەتلەش ۋەزىپىسى بېرىلدى.
شۇنىڭ بىلەن غۇلجا شەھرىدە ئىلى دەرياسىنىڭ ئېقىشىغا تەڭكەش قىلىپ يېڭى مائارىپ جەددىچىلىك ھەركىتى تاكى شىڭسىسەي «ئالتە بۈيۈك سىياسەت»تىن يۈز ئۆرۈپ ئۆز ئەتتەبەشىرسىنى ئاشكارلاپ، ياۋۇز يۈزىنى كۆرسەتكەنگە قەدەر داۋام قىلدى.

«بىر مىللەتنىڭ ئارمىيەسى قانچىلىك كۈچلۈك بولسا بولسۇن، قولغا كۆتۈرگىدەك غەلبىسى قانچىلىك چوڭ بولسا بولسۇن، ئۇ مىللەت زىيالىلىرى ئىلىم بىلەن قوراللانغان زىيالىلار قوشونىغا ئىگە بولمىسا، ئۇرۇش مەيدانلىرىدا قولغا كەلتۈرگەن غەلبىلەر نەتىجىسىنىڭ ئاخىرى چىقمايدۇ. بۇ سەۋەپ بىلەن دەرھال يۈكسەك بىر مۇكەممەل زىيالىلار قوشونىغا ئىگە بولۇش زۆرۆرىيەتتۇر»
-مۇستاپا كامال ئاتاتۈرۈك

(بۇ ماقالە مەرھۇم مەسۇمجان زۇلپىقار ئاكىنىڭ «سېراپ» ناملىق رومانىدىن پايدىلىنىپ يېزىلدى)
2015.12.11 گېرمانىيە

مەنبە: باغداش تورى

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>