باش بەتكە قايتىڭ » ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىغا ئەزا بولۇڭ

ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىغا ئەزا بولۇڭ

 شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ (خەلقئارالىق قانۇنلارغا ئۇيغۇن ھالدا تۈزۈلگەن ) نىزامنامىسىنى ۋە تىنىچ يوللار بىلەن خىزمەت قىلىش پىرىنسىپى ئۈستىگە قۇرۇلغان ئالى غايە نىشانلىرىنى تۇلۇق چۈشۈنۈپ،ئۇيۇشمىغا ئەزا بولۇشنى ئۆز ئەركىنلىكىڭىز بىلەن قارار قىلغان بولسىڭىز، دۇنيانىڭ قانداق يېرىدە بولۇشىڭىزدىن قەتئىي نەزەرتۆۋەندىكى ئەزالىق جەدۋىلىنى بېسىپ چىقىرىپ تولدۇرۇپ ئىمزايىڭىزنى قويغاندىن كىيىن، تولدۇرۇلغان جەدۋەلنى كومپيوتېر ئارقىلىق ئېنىق سۈرەتكە ئېلىپ رەسىم شەكلىدە ئۇيۇشمىنىڭ ئىلخەت ئادىرسىغا يوللىۋەتسىڭىز، ۋە ياكى تولدۇرۇلغان جەدۋەلنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى نورمال پوچتا ئارقىلىق ئۇيۇشمىنىڭ باش ئىشخانىسىغا ئەۋەتسىڭىز، ئۇيۇشمىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرى، سىز ئەۋەتكەن جەدۋەلدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلىنىپ ئەڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە سىز بىلەن ئالاقە قىلىدۇ.
نورمالدا كاندىدات ئەزا بولغۇچىلارنىڭ تاپشۇرىدىغان ئايلىق بەدەل ھەققى شىۋېتسىيە پۇلىدا 100 كرونور بولۇپ، بەدەل ھەققىنى ئاددى پوچتا لىپاپىسىغا سېلىپ ئەۋەتىشكە، ياكى ئۇنى ئۇيۇشما خادىملىرىغا نەخ ھالەتتە بىرىشكە بولمايدۇ. تاپشۇرماقچى بولغان بەدەل پۇلىنى 1 ئايلىق، 3 ئايلىق، 6 ئايلىق ياكى 12 ئايلىق قىلىپ تۆلەشكە بولىدۇ. بەدەل ھەققىنى چوقۇم ئۇيۇشمىنىڭ بانكا ھېساب نومۇرغا يوللىشىڭىز كېرەك.
جەدۋەل توشقۇزۇپ ئەزا بۇلۇپ بولغاندىن كىيىن تۇرۇشلۇق ئادرېسىڭىز، تېلېفۇن نۇمۇرىڭىز، ئىلخەت ئادرېسىڭىز، قاتارلىقلاردىن بىردە -بىرسى ئالمىشىپ كەتكەن ئەھۋال ئاستىدا، ئۇنى ئۇيۇشمىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرىغا يەتكۈزۇپ قۇيۇشقا ئېغىرلىق قىلماڭ! بولمىسا ئۇيۇشما بىلەن بولغان ئالاقىڭىز ئۈزۈلۈپ قالىدۇ. مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ئەزالىق بەدەل پۇلى تاپشۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالغان ئەھۋالدا، ئۇنى ئېسىڭىزگە ئالغان ھامان تاپشۇرۇڭ!
بۇ، ئارقىلىق سىز، پىداكار ئۇيۇشما ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە… مەرىپەتپەرۋەر، ۋەتەنپەرۋەر، ئۇلۇغ ئەجدادلار باشلىغان ھەققانى يولنى داۋاملاشتۇرالايسىز…..

ئەزا بولۇش ئۈچۈن جەدىۋەلنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

Share

2 باھالار

  1. assalamu alaykum xiwitsiya diki azziz watandax bura darlar bu uyuxmini kurup bakmu belan kipsila uluh allah ajrini basun

  2. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلار ياخشىمۇ سېلەر !

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>