باش بەتكە قايتىڭ » ئۇيۇشما ھەققىدە

ئۇيۇشما ھەققىدە

شىۋېتسىيە ئويغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى سىزنى قارشى ئالىدۇ

ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ لوگوسى

ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ھېچقانداق بىر سىياسى پارتىيەـ گوروھقا بېقىنمايدىغان،  شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ دىنى ئېتىقادى، مىللى مائارىپى،  تىل يېزىقى، ۋە باشقا مەدىنىيەتلىرىنى، ئىقتىسادى پايدا مەنپەتنى كۆزلىمىگەن ھالدا تىنىچ يوللار بىلەن ئەۋلادمۇ  ئەۋلاد قوغداپ داۋاملاشتۇرۇشنى مەركەز قىلغان،  دىينى مائارىپ بىلەن مىللى مائارىپقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتەك ئەجدات ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا  بىر تەرەپتىن ئۈگۈنۈپ، يەنە بىر تەرەپتىن خەلىقنى تەربىيەلەپ ئويغۇتۇش،  يېڭى ئاڭ، يېڭى ئۇسلۇب  بىلەن  خىزمەت قىلىشنى ئۆزىنىڭ مىزانى قىلغان، ئىدىيە جەھەتتە ساغلام  ۋە مۆدىتىل ئىسلام  ئەقىدىسىنى ئاساس قىلغان،سىياسى ئشلاردا دېموكراتىيە- خەلقچىللىقنى تەشەببۇس قىلغان ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل تەربىۋى ئورگان بۇلۇپ، بۇ ئورگان خەلقئارالىق نىزامنامىلارغا ئۇيغۇن ھالدا 2007 – يىلى بىر گۇرۇپپا  شەرقى تۈركىستانلىق زىيالىيلارنىڭ تەشكىللىنىشىدە شىۋېتسىيەنىڭ مەركىزى ستوكھولمدا  قۇرۇلغان.

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى شىۋېتسىيە پارلامىنتىدىكى ”شىۋېتسىيەئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى“خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش تەشكىلاتى ”شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، قاتارلىق خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق ئۇيغۇرتەشكىلاتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ قارمىقىدىكى ھەر دەرىجىلىك يەرلىك تەشكىلاتلار بىلەنمۇ پائال ھەمكارلىشىپ ئىشلەپ، شەرقى تۈركىستاننىڭ كۈندىن- كۈنگە ناچارلىشىۋاتقان ۋەزىيىتى ھەققىدە ئەڭ توغرا ۋە ئىشەنچىلىك مەلۇماتلارنى توپلاپ خەلقئاراغا تارقىتىش ئارقىلىق شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ ئېرىشىشكە تىگىشلىك ئىنسانىي ھەق ھوقۇقلىرىنى  قوغدايدۇ.

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى شىۋېتىيەدىكى ئالاقىدار ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى ئالدىدا 1802-802437 تەشكىلات نومۇرى بىلەن رەسمى تىزىمغا ئېلىنغان ۋە ئەمىلى خىزمەتلىرى ئارقىلىق شىۋېتسىيە ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە خېلىق ئاممىسىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئىرىشكەن بىردىن بىر قانۇنلۇق تەشكىلات.

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ غايە نىشانى :

ۋەتەن سىرتىدا ياشاۋاتقان شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ دىينى ۋە دۇنيالىق ئىشلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشىلىنىشى ئۈچۈن خالىس خىزمەت قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى تەربىيىلەش .

 ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ قانۇنى ھەق ھوقۇقلىرىنى  قوغداش .

ئىسلام دىينىغا سادىق، مىللىتىگە سادىق، ئۇچۇق پىكىرگە ئىگە بولغان ئاۋانگارت ياشلار قوشۇنى تەربىيلەپ چىقىش .

ئىسلامى ۋە مىللى كىملىكىمىزنى قوغداپ داۋاملاشتۇرۇش ئىشلىرىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان ئويغۇر ئانا تىلنى قوغداش .

ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ قانۇن پرىنسىپى يولغا قويغان دائىرە ئىچىدە دىينى تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان ياش مۇسۇلمان تەشۋىقاتچىلىرىنى يېپىشتۇرۇپ چىقىش .

 سىياسى پائالىيەتچى ۋە دىينى تەشۋىقاتچىلارنىڭ ئىلمى قابىلىيىتى ۋە ئەمىلى ئىشلەش جەريانىدىكى خىزمەت ماھارىتىنى ئۆستۈرۈش .

خەلقئاراغا جۈملىدىن شۋېد خەلقىگە شەرقى تۈركىستان داۋاسىنى توغرا شەكىلدە ئاڭلىتىپ تەشۋىق قىلىش.  

 

 شىۋېتسىيە ئويغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ يوقلىقتىن بارلىققا كېلىشى، كىچىكلىكتىن زورىيىشى ۋە ئىدارە قىلىش جەھەتلەردىكى تەرەققىياتلار ھەققىدە پات يېقىندا مەخسۇس بىر كىتابچە نەشىردىن چىقىدۇ.

ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>