باش بەتكە قايتىڭ » مەكتەب ھەققىدە

مەكتەب ھەققىدە

مەھمۇد قەشقىرى ئانا- تىل مەكتىپى

مۇندەرىجە

1-مەكتىپىمىز توغرىسىدا

2- بىزنىڭ نىشانىمىز

3-مەكتىپىمىزنىڭ ئوقۇتۇش ئىشلىرى

4- ئىقتىسادىي ئەھۋالىمىز

5-ئوقۇغۇچىلاردىن كۈتىدىغىنىمىز

6-مەكتىپىمىز نىڭ ئۇقۇغۇچىلار قائىدىسى

7-ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش پىلانى (ھەر مەۋسۇم يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ)

8-مەھمۇد قەشقىرى ئانا تىل مەكتىپىنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى رەتكە سېلىپ تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانى

9-تور موھىتىدا ئۆگىنىشكە يېتەكچىلىك قىلىش،

IMG_20150319_0001

1- مەكتىپىمىز توغرىسىدا!

مەكتىپىمىز 2006- يىلى 5- ئايدا قۇرۇلغان بۇلۇپ ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن 2007- يىلى 6- ئايدا شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەسمىي ئەنگە ئېلىنىپ مەكتەپ قاتارىغا تىزىملانغان.gsdf

مەكتىپىمىزدە ھازىرغىچىلىك تىل، ئەدەبىيات، ئەخلاق، ۋە دىندىن ساۋات دەرسلىرى تەسىس قىلىنغان بۇلۇپ يەنە ئۇيغۇر تارىخى، جۇغراپىيە دەرىسلىرىمۇ قۇشۇمچە ئۆتۈلىدۇ,مەكتىپىمىز ھېچقانداق بىر سىياسى تەشكىلات ياكى دىنىي ئورگانغا بېقىنمايدىغان، شىۋېتسىيە مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش نىزاملىرىغا ئەمەل قىلغان ھالدا ئەڭ ئىلغار بولغان پېداگوگىكىلىق مېتودلىرى بىلەن ئوقۇغۇچى تەربىيىلەشنى ئاساس قىلىدۇ.

2 – بىزنىڭ نىشانىمىز!

دەرس ئۆتۈشكە ئۇيغۇر دىيارى ۋە شىۋېتسىيە تەۋەسىدە پىسخلوگىيە ۋە پىداگوگىكا ساھاسىدە ئالاھىدە تەربىيە كۆرگەن ئالى مەلۇماتلىق كەسىپكە پىششىق، تەجرىبىسى مول ئوقۇتقۇچىلار تەيىنلەنگەن بۇلۇپ، ئانا تىل دەرسى ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەلىپى ۋە ئېھتىياجىغا ماس ھالدا  تەڭشەلدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن دەرس ئۆتۈش ئۇسلۇبىمىزدىمۇ بەزى پەرىقلىق ئۆزگىرىشلەر بولدى. ئانا تىل دەرسى ئاڭلاش، كۈرۈش مەشقى، سۆزلەش مەشىقى،رەسىم سىزىش مەشىقى، ۋە ئۇمۇمىي ساۋادتىن تەركىپ تاپقان بۇلۇپ، كونكرېت شەكلى تۆۋەندە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش پىلانىدا تەپسىلى چۈشەندۈرۈلدى. ئىلغار مېدىئا ۋاسىتىلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن ئوقۇغۇچىلارغا دەرسىنى تېخىمۇ ئوبرازلىق، جانلىق ئۇقۇتۇش مۇھىتى يارىتىپ بالىلارنىڭ خاراكتېرىغا ماس ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئانا تىلغا بولغان قىزىقىشىنى ئويغىتىش ۋە ئىجاتچانلىقىنى كۈچەيتىش، ۋەتەن سىرتىدىكى مۇھىتتا بولسىمۇ ئۇلارنى ئۆز ئانا تىلدا مۇكەممەل سەۋىيىگە يىتىپ، ئۆز مەدىنيىتىمىز ۋە تىلىمىزنى قوغداش روھىغا ئىگە قىلىپ تەربىيىلەش بىزنىڭ نىشانىمىزدۇر.

3-مەكتىپىمىزنىڭ ئوقۇتۇش ئىشلىرى!

ئەخلاق دەرسىدە ئىنسان تەبىئىتىدە تۇغۇلما ھالەتتىن تارتىپ بار بولغان ساغلام تەۋھىد (monotheism) ئىدىيىسىنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇپ ئويغۇتۇش، ۋە ئۇنى ئۇقۇغۇچىلار ئۆزلىرنىڭ سۆز ھەركەتلىرىگە ئوي تەپەككۇرلىرىغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان پەللىگە كۆتۈرۈش، ئۇلارنى ئىسلامى گۈزەل ئەدەپ ئەخلاقلار بىلەن قۇراللاندۇرۇش، كىشلىك مۇناسىۋەتتە پىكرى ئوچۇق، ساغلام خاراكتېرگە ئىگە قىلىپ تەربىيلەپ چىقىش ئاساسىي مەقسەت قىلىندۇ.ئەخلاق دەرسى ئۈچۈن ھەر ھەپتىدە 45 مىنۇت ئالاھىدە ۋاقىت ئاجىرتىلغان بۇلۇپ، دەرس ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بىر ھەپتە جەريانىدا مەكتەپتە ۋە ئۆيدە كۆرگەن _بىلگەنلەردىن ئالغان ھەر خىل تەسىراتلىرنى ساۋاقداشلىرنىڭ ئالدىدا ئاغزاكى ئەركىن ئوتتۇرغا قۇيۇپ ئۆز ئارا مۇزاكىرە قىلىش ۋە مۇئەللىمىنىڭ ئۇنىڭغا قارىتا ئىلمىي يەكۈن چىقىرشى ۋە قۇشۇمچە ئۇنى شەرھىيلەپ بېرىشى شەكلىدە ئۆتۈلىدۇ.يەنە ئوقۇغۇچىلارغا ئىسلام تارىخىدا ياشاپ ئۆتكەن مەشھۇر شەخسلەرنىڭ نەمۇنىلىك ئىش ئىزلىرى قىسسە شەكىلدە بايان قىلىندۇ. بەزى ۋاقىتلاردا ھەرقايسى دىنلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ،تەرەققىي قىلىشى ،دىننىڭ ئىنسانلار تارىخىدا ئوينىغان رولى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ تەرجىمىھالى تۇنۇشتۇرۇلىدۇ.

دىندىن ساۋاد دەرسىدە ئاساسلىغى بالىلارغا بۈيۈك ئىسلام دىنىمىزنىڭ مۇقەددەس دەستۇرى بولغان قۇرئان كەرىمنىڭ ئەرەبچە ئايەتلىرى ئۆگۈتۈلىدۇ، يەنى بالىلارنىڭ دەسلەپكى قۇرئان ساۋادىنى چىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىمىز.

قۇرئاننى بىمالال توغرا ئۇقۇيالايدىغان باسقۇچقا يەتكەن ئۇقۇغۇچىلارغا تەجۋىدتىن ئۇمۇمى ساۋاد بېرىمىز، ۋە ھەر بىر مەۋسۈمدە ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئاز دىگەندە قۇرئاندىن بىر نەچچە قىسقا سۇرە ۋە دۇئالارنى ياد ئېلىشىغا ياردەملىشىمىز.

anatil 6

4-ئىقتىسادىي ئەھۋالىمىز!

مەكتىپىمىز ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى دائىمىي ئەزالىرىنىڭ ئايلىق بەدەل پۇلىنى ئاساسىي مەنبە قىلىدۇ، بەزى ئەھۋاللاردا مەرىپەتپەرۋەر ۋەتەنداشلارنىڭ خالىسانە ياردەم قولىنى سۇنۇشى بىلەن مەكتىپىمىز داۋاملىشىپ كېتىۋاتىدۇ ، ئىقتىسادىي ياردەملەر ئاساسەن مەكتەپنىڭ ئۇقۇش ئەسلىھەلىرى ۋە ئۇقۇتۇش بېناسىنىڭ ئايلىق كىراسىنى تۆلەش،ئوقۇغۇچىلارنى سەيلى ساياھەتكە ۋە ھەر خىل پائالىيەتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشلىرىغا سەرپ قىلىنىدۇ.

مەكتىپىمىز مەكتەپ ئورنىنى كېڭەيتىش ۋە دەرسلىك ماتېرىياللار توغرىسدا سىۋېتسىيە ھۆكۈمىتىدىن ئىقتىسادىي ياردەم سوراش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىپ بەزى نەتىجىلەرگە ئىرىشتى،ئەمما ھۆكۇمەت بىرىۋاتقان قەرەللىك ئازغىنا ئىقتىسادى ياردەم دەرسلىك ماتېرىياللارنى ھازىرلاشقىلا يىتىدۇ.

مەكتىپىمىزدىكى ئىككى نەپەر ئانا تىلى ئۇقۇتقۇچىسى ۋە ئىككى نەپەر دىنى ساۋاد ئۇقۇتقۇچىسى بۇ مەكتەپتە ھىچقانداق ئىقتىسادىي مەنبە بولمىغان شارائىتتا ھەقسىز دەرس ئۆتۈپ كەلمەكتە. بىز دەرس ئۆتۈش ئىمكانىيىتى بولغان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ مەردانە ھالدا ئوتتۇرىغا چىقىپ ،بىر جەھەتتىن مەكتىپىمىزنىڭ ئوقۇتقۇچىغا بولغان ئېھتىياج تەلىپىنى ھەل قىلىپ، يەنە بىر جەھەتتىن بالىلىرىمىزنىڭ ئانا تىلنى ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات داۋاملاشتۇرۇشى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشۇشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.

5- ئۇقۇغۇچىلاردىن كۈتىدىغىنىمىز!

مەكتىپىمىزنىڭ ئوقۇغۇچىلارقائىدىسىگە بوي سۇنۇش، مەكتەپ ئۇرۇنلاشتۇرغان بارلىق پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىش. ئۇقۇغۇچىلار مەكتەپكە كېلەلمىگەندە چۇقۇم دەرس باشلىنىشتىن بۇرۇن مەكتەپكە مەلۇم قىلىشى، 10 كۈندىن ئارتۇق رۇخسەت سورىسا، چۇقۇم يازمىچە ئىلتىماس قىلىشى كېرەك، بۇنۇڭغا ئانىلار ۋە مەكتەپ رەھبەرلىكى ئىمزا قۇيۇشى كېرەك.

تېلېفۇن نۇمۇرى: 0723200542

6- مەھمۇد ( قەشقىرى) مەكتىپى ئۇقۇغۇچىلار قائىدىسى!

070

§- دەرىسكە ۋاختىدا كىلىش.كىچىكمەسلىك.3 قېتىمدىن ئارتۇق كىچىكسە ئۇقۇش نەتىجىسىدىن نۇمۇرتارتىش.

§- تاپشۇرۇقلارنى تۇلۇق ئۇرۇنداش.3 قېتىمدىن ئارتۇق تاپشۇرۇق تاپشۇرمىسا ئۆگىنىش نەتىجىسىدىن نۇمۇر تارتىش.

§- مەكتىپىمىز ھەر مەۋسۇمدە ئۇقۇغۇچىلارغا شىۋېتسىيە مەكتەپلىردىكى نەتىجە سېستىمىسى بۇيچە كۆرسەتكۈچ تارقىتىدۇ، يەنى ئەلا، ياخشى، لاياقەتلىك ۋە لاياقەتسىز دىگەن دەرجىلەر بۇيچە يەنە بىر قېتىم ئىمتىھان بىرىش پۇرسىتى بۇلۇپ، ئايرىم ئىمتىھان ئۇرۇنلاشتۇرۇلدۇ.

§- سىنىپقا كىرگەندە تاشقى كىيىملەرنى ئىلغىغا ئىلىپ، دەرىسلىك كىتاپلار ۋە ئۇقۇش قۇراللىرىنى بىرگە سىنىپقا ئېلىپ كىرىش.

§- ھەر سائەتلىك دەرىس باشلىنىشتىن بۇرۇن يوقلىما قىلىندۇ.

§- دەرىس ۋاختىدا ئۇقۇغۇچىلارنىڭ قول تېلېفۇن ئىشلىتىشى مەنئىي قىلىندۇ.

§- ئۇقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەت قىلىش، ئەدەپلىك سۆز جۈملىلەرنى ئىشلىتىش.

e6150ee7-ccc7-410e-b96f-b3820abbc07e

7- ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش پىلانى ۋە ۋاقىت جەدىۋىلى

2018 – يىللىق دەرىس سىرتكىسى ئشلىنىش باسقۇچىدا.

8-مەھمۇد قەشقىرى ئانا تىل مەكتىپىنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى رەتكە سېلىپ تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانى

ئابدۇللاھ كۆكيار

 مەھمۇد قەشقىرى ئانا تىل مەكتىپى، گەرچە دەم ئېلىش كۈنلىرىدىن پايدىلىنىپ ،ھەپتىسىگە ئاران ئىككى كۈن مەشغۇلات ئېلىپ بارالايدىغان كۇرس شەكىلدىكى بىر مەكتەپ بولسىمۇ، ئۇ، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئويغۇر ئوقۇغۇچىلاردا ئىسلامچە توغرا ئاڭ ۋە ئەخلاقىي پەزىلەت يېتىشتۈرىدىغان، ئۇلاردا ۋەتەننى سۆيۈپ،نورمال مەكتەپلەردىكى پەننى بىلىملەرنى پۇختا ئۆگىنىپ،ئاتا ئانىلارنى ھۆرمەتلەپ،ئۆگەنگەن پەننى بىلىملەرنى ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئىشلىتىدىغان خىسلەتنى يېتىشتۈرىدىغان مۇھىم بىر بازا. ئۇ، تەرەققى قىلغان شىۋېتسىيە مۇھىتىدا تارقاق ياشاۋاتقان ئويغۇر ئۆسمۈرلىرىنى ھەپتىدە بىر ئىككى قېتىم بولسىمۇ، بىر ئارىغا جەم قىلىپ ئۇچراشتۇرۇپ، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆز ئارا مەلۇمات ئالماشتۇرۇشى، دوستلۇق ئورنىتىشى، جەھەتلەردە  ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ئاساسلىق رول ئويناپ كەلگەن ،ئىلمى ئەھمىيەتكە ئىگە بىرئۇرۇن. شۇڭا بىز مەھمۇد قەشقىرى ئانا تىل مەكتىپىنى ياخشى باشقۇرۇپ، ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى تېخىمۇ ياخشى رەتكە سېلىپ،ئۇنى چوقۇم بالىلارنى ياخشى ئوقۇتۇش ئۈچۈن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشىمىز لازىم! مەكتەپنىڭ ئالى غايە نىشانى،دەرىس پروگراممىسى، شۇنداقلا مەكتەپنىڭ زور ئەھمىيتى قاتارلىقلارنى شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ھەر بىر ئاتا ئانا بولغۇچىغا تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ، كەڭ تەشۋىق قىلىشىمىز،ئاتا ئانىلارنىڭ مەكتەپ ئىشكىنى چېكىپ پەرزەنتلىرىنى مەكتەپكە ئېلىپ كېلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرماي ،دادىل ھالدا سەمىمىيلىك بىلەن ئۇلارنىڭ ئىشكىنى بىز چىكىشىمىزلازىم. مەكتەپكە يىراق جايلاردا ،ياكى چەت شەھەرلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرنىڭ  ئۆگىنىشكە تور موھىتى ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىش، ئۇمۇمى ئاتا-ئانىلارنى بالىلارنىڭ تاپشۇرۇقلىرىنى ياخشى ئىشلىشىگە تور مۇھىتى ئارقىلىق نازارەت قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىش، ئۇسۇلىنى تېخىمۇ كەڭ دائىردە قانات يايدۈرىشىمىز كېرەك. نۆۋەتتە تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك:

§1-مەكتەپتە ئۇزاق مۇددەت جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەپ،ئوقۇغۇچى ۋە ئاتا ئانىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ كىيىن مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىدىن ئۇزاقلاشتۇرلۇپ باشقا ۋەزىپىلەرگە تەيىنلىنىپ قالغان تەجرىبىلىك پېېشقەدەم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ باشقا ساھەلەردىكى مەلۇم ۋەزىپىسىنى قىسقارتىپ،ئۇلارنى يىڭى مۇئەللىملەرگە نەخ مەيداندا نازارەت قىلىشقا زۆرۈر تېپىلغاندا بىۋاسىتا ئۆزلىرى قول تىقىپ دەرس ئۆتۈشكە قايتۇرۇپ ئېلىپ كېلىش،ئارقىلىق ئوقۇتقۇچىلار قۇشۇنىمىزنى كۈچەيتىپ،مەكتەپنىڭ كەسپى ساپاسىنى يۇقۇر كۈتۈرۈش.

§2-ئوقۇغۇچىلارنى ياش ۋە سەۋىيە چەكلىمىسى بۇيىچە سىنىپ ۋە گۇرۇپپىلارغا ئايرىپ،ئۇقۇش يېشىدىكى بارلىق بالىلارنى ھەر مەۋسۇملۇق دەرس باشلىنىشتىن ئاۋۋال خەۋەرلەندۈرۈش، ۋاقتىدا تىزىملىتالماي قېلىپ،مەۋسۇم ئارىلىقىدا مەكتەپكە كەلگەن بالىلارنى ئۆچىرەتكە تۇرغۇزۇپ تىزىملاپ،كېلەر مەۋسۇمدە باشلىنىدىغان مۇناسىپ سىنىپ ياكى گۇرۇپپىغا قاتناشتۇرۇش،ئارقىلىق مەكتەپ تۈزۈمىنى كۈچەيتىش.

§3-شىۋېتسىيە مائارىپ سىستېمىسىدىكى ئىلغار ئاكادېمىك ئۇسۇللاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ،ئوقۇغۇچىلارغا نەزەرىيە دەرسلىرىنى ئاز سۆزلەپ،ئەمىلى بىلىملەرنى ئويۇن ، سەيلە ساياھەت ۋە ھەر تۈرلۈك تەنتەربىيە پائالىيەت تۈرلىرىنى كۆپ ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئۆسمۈرلۈك پسىخىك ئالاھىدىلىكلىرىگە ماسلاشتۇرۇپ ئوقۇتۇش.

§4-بۇ،يىل يازلىق تەتىل بوشلىقىدىن پايدىلىنىپ پەرزەنتلىرىنى ئانا تىل ۋە دىننى ساۋات بۇيچە قەرەللىك تەربىيلەشنى ئويلاۋاتقان ئاتا ئانىلارنىڭ تەلەپ پىكىرلىرىنى ئاڭلاپ،مۇمكىنقەدەر يازلىق كۇرس ئۇرۇنلاشتۇرۇش.

 

9-تور موھىتىدا ئۆگىنىشكە يېتەكچىلىك قىلىش

hämta1مەھمۇت قەشقىرى ئانا تىل مەكتىپى ئوقۇغۇچىلارنى سىنىپقا يىغىپ ئوقۇتۇشقا بىرلەشتۈرۈپ تور موھىتىدامۇ ئۆگىنىشكە يېتەكچىلىك قىلىش، تور مۇھىتى ئارقىلىق ئاتا-ئانىلارنى بالىلارنىڭ تاپشۇرۇقلىرىنى ياخشى ئىشلىشىگە نازارەت قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىش، ئۇسۇلىنى يولغا قۇيۇپ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. تور مۇھىتىدائۆسمۈرلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلدا سۆزلىشىش ۋە قۇرئان ئۇقۇشنى ئۆگىنىشكە يېتەكچىلىك قىلىش شەكلىدىكى  ئوقۇتۇش ئەندىزىسىنىڭ ئوقۇتۇش ئىدىيىسى : بۇ ، ئوقۇتقۇچىنىڭ بىلىم بېرىشىنى ئاساس قىلغان بىلىم ئېلىش جەريانى بولماستىن ، بەلكى  ” ئوقۇغۇچىنى گەۋدە ، ئوقۇتقۇچىنى يېتەكچى ، بايلىق مەنبەسىنى يادرو “ قىلغان ، ئۆگەنگۈچىلەر ئوقۇتقۇچىنىڭ ياردىمىدە ھازىرقى زامان مائارىپى تېخنىكىسى ۋە تور تېخنىكىسىغا تايىنىپ ، كۆپ ۋاسىتىلىك ئوقۇتۇش بايلىقىدىن تۇلۇق پايدىلىنىپ ، ئۆزى ئۆگىنىش ياكى كىچىك گۇرۇپپىلار بويىچە ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىش شەكلىدە بىلىمگە ئىگە بولىدىغان جەريان . ئۇنىڭ ئاساسى ئالاھىدىلىكى : ئۆگىنىش ئالدىدا ، يېتەكىچلىك قىلىش ئارقىدا بۇلۇپ ، يېتەكچىلىك قىلىش ئۆگىنىش جەريانىغا باشتىن ئاخىر سىڭگەن بولىدۇ . ئۆگەنگۈچى كۆپ خىل ۋاسىتىلىك بايلىق ۋە ئىجتىمائىي ئەمەلىيەتتىن تۇلۇق پايدىلىنىپ ، ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۆزلىكىدىن ئۆگىنىدۇ . ئۆگەنگۈچىنىڭ ئاتا-ئانىسى ئوقۇتقۇچىغا ھەمكارلىشىپ ئۆگەنگۈچى بولغان پەرزەنتنىڭ تاپشۇرۇقلىرىنى ياخشى ئىشلىشىگە بىۋاسىتا نازارەت قىلىدۇ.

قۇرئان كېرىمنى ئۇقۇش بۇيچە ساۋات ئالماقچى بولسىڭىز،ياكى بالىلىرىڭىزنىڭ قۇرئان ساۋاتىنى ئۆزلۈكىدىن چىقارماقچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ ! (قۇرئاننى ئۆگەن) پروگراممىسى ،سىزنىڭ ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز!!!!!123

 

ئېلىپبە(2012-يىل نەشىرى)   ELIPBE2012-190x290     كىتابنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ       ھۆرمەت بىلەن: مەھمۇد قەشقىرى ئانا تىل مەكتىپى ئىدارە ھەيئىتى

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>