باش بەتكە قايتىڭ » ياردەم قىلىڭ!

ياردەم قىلىڭ!

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئاكا-ئۇكا ، ۋە ھەدە- سىڭىللار!

  ئىسلام دىنى ئىجتىمائىي كېپىللىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان بىر بۈلۈك تۈزۈملەرنى ئېلىپ كەلدى، ۋە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ يوللىرىنى بايان قىلدى، ۋە ئۇ، تۈزۈملەرگە(كىشىلەرنى) قىزىقتۇرۇپ قوغدايدىغان يېڭى بىر يولنى ئاشتى. مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز- ئارا بىر- بىرلىرىنى سۆيۈشۈش ، ۋە بىر- بىرلىرىگە مېھرى شەپقەت يەتكۈزۈش تۇيغۇلىرى (بىرەر –بىر ئەزاسىغا دەرت يەتكەن ھامان باشقا بارلىق ئەزالىرى ئاغرىقتىن شىكايەت قىلىپ ئىسمىدايدىغان بىر نازۇك تەننىڭ) تۇيغۇسىغا ئوخشاشتۇر.

ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى ئىزدەپ پۇل- مال چىقىم قىلىش ۋە خەيرى-ئېھسان قىلىش بولسا ئىسلام دىندىكى ئىجتىمائىي كىپىللىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ كۈچەيتىدىغان بۈيۈك ۋاسىتىلەرنىڭ بىرىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئىسلام دىنى ئۆز ئەگەشكۈچىلەرگە سېخى خاراكتېرگە ئىگە بولۇشنى،باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشنى ئۆزلىرىنىڭ دائىمىي ۋەزىپىسى دەپ بىلىشنى ياخشى ئەخلاقنىڭ جۈملىسىدىن قىلىپ كۆرسەتتى.

بۇ ھەقتە جانابى ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:ماللىرىنى كېچە- كۈندۈز(يەنى ھەممە ۋاقىت) يۇشۇرۇن ۋە ئاشكارا يۇسۇندا خەير-ئېھسان قىلىدىغانلار پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ساۋاپ تاپىدۇ، ئۇلارغا (ئاخىرەتتە) قورقۇنچ ۋە غەم قايغۇ بولمايدۇ. بەقەرە سۈرىسى274-ئايەت.

ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسالام مۇنداق دەيدۇ: سېخىلار ئاللاھقا يېقىندۇر،جەننەتكە يېقىندۇر،ئادەملەرگە يېقىندۇر،دەۋزەختىن يىراقدۇر. بېخىللار بولسا جەننەتتىن يىراقدۇر، ئادەملەردىن يىراقدۇر، دەۋزەخكە يېقىندۇر.جانابى ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئاددى بىر بىلىمسىز سېخى كىشىلەر بىلەرمەن ئبادەتگويلاردىنمۇ سۈيۈملۈكىرەكدۇر. تىرمىزى رىۋايىتى.

ھىجرەتنىڭ شاراپىتى بىلەن باسقۇنچى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ زۇلمىدىن نىسپى ھالدا قۇتۇلۇپ شىۋىتسىيەگە يەرلىشىۋاتقان ئۇيغۇر ناتىۋانلىرىنىڭ دىنى ۋە مىللى كىملىگىنىڭ كېلەچىكى ئۇستىدە باش قاتۇرغان، ۋە بىر پۈتۈن ئۇيغۇرمۇسۇلمانلىرىنى خەلقئاراغا تونۇتۇش ئۈچۈن ھەرخىل يۇسۇندا قۇربىنىڭ يېتىشىچە تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن ۋە كۆرسىتىۋاتقان قېرىنداشلارغا سەمىمى رەھمەت ئېيتىمىز. بولۇپمۇ شىۋىتسىيەدىكى چوڭ –كىچىك ئۇيغۇرمۇسۇلمانلىرىنىڭ قەلب بىرلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان بىر مەركىزى ئورۇننى ئجارىلاپ ئېچىپ، .8 يىلدىن بىرى ئۇنىڭ ئىشىكىنىڭ ھەممە ئادەمگە ئۇچۇق بولىشىدەك شەرت شارائىتلارنى ھازىرلاشقا ماددى ۋە مەنىۋى كۈچلەرنى قاتقان بارلىق ئەزىمەتلەرگە جانابى ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى تىلەيمىز.

ئۇشبۇ مەركەزدە، ناماز ئوقۇلىدۇ،مەسلىھەت ۋە قارارلار ئېلىنىدۇ، دىنى ۋەز نەسىھەتلەر بولىنىدۇ، بۇ جاي ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۆز ئارا ئۇچرىشىدىغان، سىردىشىدىغان مەركىزى بېكىتى،ياردەمگە موھتاجلارنىڭ فاناھگاھى، ئۆسمۈرلىرىمىزنىڭ دىندىن ساۋات ئالىدىغان ۋە ئانا تىللىرىنى ئۆگىنىدىغان مەكتىپى.

بۇ، مەركەز, دە نۇرغۇن ئۆسمۈرلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ تاتلىق ئانا تىللىرىنى ئۆگەندى،دىندىن ساۋات ئېلىپ شاھادەت كەلىمەلىرىنى ئېيتىشتى.

سۆيۈملۈك ئاكا-ئۇكا ، ۋە ھەدە- سىڭىللار !

مەركەزنىڭ تىخىمۇ گۈللىنىشى ۋە پائالىيەتلىرىنىڭ ئۆزلۈكسىز داۋاملىشىشى ئۈچۈن ،ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ سىلەرنىڭ ھەر بىرىڭلار ھەر ئايدا ئاز دېگەندە 100 كورونۇر خەيرى ئېھسان قىلالايسىلەر، شۈبھىسىزكى قىلغان خەيرى ئىھسانىڭلارنىڭ ئەجرىنى قىيامەت كۈنى ئاللاھدىن تۇلۇق ئالىسىلەر.

بىز ئۆزلىرىمىزمۇ داۋاملاشتۇرۇپ قىلىپ كېلىۋاتقان بۇ، ساۋاپلىق ئشتىن جانابىڭلارنىمۇ ھەسسىدار قىلىشنى مەقسەت قىلىپ بۇ، چاقىرىقنامىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق، سىلەرگە بولغان ئىشەنجىمىزنى يەردە قويمىغايسىلەر.

ياردەم پۇلى ياتقۇزۇش ئانكىتى.

دۆلەت ئىچىدىكى ھىساپ نۇمۇرى: PlusGirot : 308153-6 SEK

خەلقئارالىق ھىساپ نۇمۇرى: IBAN: SE25 9500 0099 6042 0308 1536

NDEASESS

Nordea Bank AB, 71105 STOCKHOLM

SWEDEN

پوشتا ئادېرسى

Post:

UIGURISKA UTBILDNINGSFÖRENINGEN

HUSINGEPLAN 16, BV. 163 63 SPÅNGA. SWEDEN

Share

2 باھالار

  1. ئۇيغۇر رايونىدا فېلىملەر قويۇلمىدى ، ئۇيغۇر رايونىدا كۆرۈشكە ئىمكان بولارمۇ ؟ تېخنىكىلىق ياردەم قىلساڭلار بولاتتى. بىلىك تورىغا بىرەر تېما يوللاپ

    • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم! سىز ۋەتەن ئىچىدە بولسىڭىز چەكلەنگەن تور بەتلەرنى ئېچىش قۇرالى ئارقىلىق تور بەتلەرنى زىيارەت قىلسىڭىز بولىدۇ. چۈنكى چەتئەلدىكى تور بەتلەردىكى فىلملەر يۇتۇبېغا قۇيۇلغان بولغاچقا ۋەتەندە ئېچىلماسلىقى مۇمكىن. ئۇيغۇر توربەتلىرىدە چەكلەنگەن تور بەتلەرنى ئېچىش قۇرالى باردەك قىلغان ئىزدىنىپ بېقىڭ. سىزگە ئۇتۇق تىللەيمەن. اللەغا ئامانەت

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>